باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ ئىقتىساد تېمىسىدىكى پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇللا موللا | يوللانغان ۋاقىت:2015-07-31 16:58:11

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 31-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 24-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ھەم كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئويلىرىنى تونۇشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى بولماقتا شۇنداقلا بىر قىسىم گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسلىلەرگىمۇ دۇچ كەلمەكتە، كۆپچىلىكنىڭ پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۇلارنى چىڭ تۇتۇپ ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. كۆپچىلىك سۆزلىرىدە نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك تونۇش، ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ناھايىتى ياخشى پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى، بىز بۇلارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، ئاكتىپ قوبۇل قىلىمىز.

شى جىنپىڭ ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئالاقە باغلىغان ئاممىنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قوللايدىغان يۈكسەك ئورتاق تونۇشنى شەكىللەندۈرۈشى؛ ئىختىساسلىقلارنى توپلاشتىكى ئەقلىي كۈچ ئەۋزەللىكى، كەڭ ئالاقە باغلاشتىكى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ھەرىكەت ۋە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئالدىن كۆرەرلىك، مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئېلىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ مۇقىم، ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق