باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-20 16:33:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

20-ئاۋغۇست جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تيەنجىن پورتى رۇيخەي شىركىتى خەتەرلىك بۇيۇملار ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن 12-ئاۋغۇست ئوتتىن پارتلاش ۋەقەسىدىن قۇتقۇزۇش ، ياردەم بېرىش ۋە جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تيەنجىن پورتى 12-ئاۋغۇست ۋەقەسىدە زور ئۆلۈم يېتىم ۋە مال مۈلۈك زىيىنى بولدى، ۋەقەدىن قانلىق ساۋاق ئېلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرقى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرى تولىمۇ مۈشكۈل، ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېقىنقى بىر مەزگىلدە بەزى جايلاردا ئارقا ئارقىدىن زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە مەسىلىنىڭ خېلى گەۋدىلىك ئىكەنلىكى، ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكى ئاشكارىلاندى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر بۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ، بىخەتەرلىك تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلق مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق