باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەخمەد بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 14:56:12

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى شاھزادە ئەخمەد بىلەن كۆرۈشتى. شى جىنپىڭ دۆلەت ۋە رايون ئولىمپىك كومىتېتى جەمئىيىتى ۋە ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال تۆھپىلەرنى قوشقانلىقىغا ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە تەنتەربىيە ئارقىلىق دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقارغانلىقى ھەمدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتتى .

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بېيجىڭ 2022- يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قولغا كەلتۈردى. بۇ جۇڭگونىڭ تەنتەربىيەسى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ھەمدە دۇنيا ئولىمپىك تەنھەرىكەت تەرەققىياتىنى ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ،جۇڭگو خەلقىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت تەرەققىياتى، ئولىمپىك روھىنى يەنىمۇ بىر قېتىم تارقىتىشىغا تۆھپە قوشۇش پۇرسىتى يارىتىدۇ. جۇڭگونىڭ خاڭجۇ شەھىرى ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشىگە 19-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىلتىماسىنى رەسمىي سۇندى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى خاڭجۇ شەھىرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. خاڭجۇنىڭ بىر نۆۋەتلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ئەخمەد بېيجىڭنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن ھەمدە قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى شەھەرگە ئايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئولىمپىك كېڭىشى جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەمدە رايوننىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ليۇ يەندوڭ، گو جىڭلوڭ،ياڭ جيېچى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق