باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىئاك بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئادىل ئابلەت | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 15:00:28

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-ئاۋغۇست دۆلەت تەنتەربىيە مەيدانىدا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىئاك بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ شەرەپ ئالتۇن مېدالىنى قوبۇل قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بۈگۈنكى دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى يېنىك ئاتلېتىكا تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسى. بىز بېيجىڭ يېنىك ئاتلېتىكا دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، تېخىمۇ تىز، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ كۈچلۈك ئولىمپىك روھىنى نۇرلاندۇرۇش، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەنتەربىيە ھەمدە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقى بىلەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش، گۈزەل كېلەچەكنى بىرلىكتە يارىتىش سەمىمىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەشنى ئۈمىد قىلىمىز.

دىئاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتى بولۇپ، خەلقئارا تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي تۆھپە قوشتى بولۇپمۇ تەنتەربىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا يېنىك ئاتلېتىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئارقىدىن دىئاك شى جىنپىڭغا خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ شەرەپ ئالتۇن مېدالىنى بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا ئىشلىرىغا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى تەقدىرلىدى. شى جىنپىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەت تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى . ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېنىك ئاتلېتىكا تەرەققىياتىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللاپ، دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 


ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق