باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
2015 - يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 16:57:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

2015 - يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسى دۇنيا يېنىك ئاتلېتىكا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى 22 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا داغدۇغىلىق باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدىكى « چاڭگا » يېڭى تۈسكە كىردى ، بۇ يەر بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن كېيىن يەنە بىر تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىنى كۈتۈۋالدى. 207 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 2000 غا يېقىن تەنھەرىكەتچى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، بىر مەيداندا ماھارەت كۆرسىتىدۇ ، يەنە شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

سائەت 16دىن 57 مىنۇت ئۆتكەندە ، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لامىن دىئاك رەئىس سەھنىسىگە چىقتى ، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى . خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ ، يېڭىدىن سايلانغان خەلقئارا يېنىك ئاتلېتىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى سەيباستيان كو قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى .

مۇسابىقە مەيدانىنىڭ يۈگۈرۈش يولىدا ، 15 نەپەر كوماندا بەرگۈچى يېنىك ئاتلېتىكا مۇسابىقىسىگە كوماندا بېرىش ئۇسۇلى بويىچە تەرتىپ بىلەن ھۆرمەت ئوقى ئاتتى ، ئاندىن كېيىن ھەممەيلەن بۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋاقىتنى تەتۈر ساناپ چۇقان سالدى . ئېتىلغان ھەربىر ئوق ئاۋازى بىر نۆۋەتلىك ئاجايىپ ئېسىل ، ئۇنتۇلغۇسىز دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋەكىللىك قىلاتتى . ۋاقىتنى تەتۈر ساناپ « 1 »گە كەلگەندە ، 15 نەپەر كوماندا بەرگۈچى قولىدىكى بۇيرۇق تاپانچىسىنى تەڭ ئاتتى، بۇنىڭ بىلەن ئېچىلىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى .

نەق مەيداندىكى چوڭ ئېكراندا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ، سىمۋوللۇق ھەم چوڭقۇر مەنىلىك بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات فىلىمى كۆرسىتىلىپ، تارىخ بىلەن رېئاللىق ، جۇڭگو بىلەن دۇنيا قوشۇلۇش داۋامىدىكى يېنىك ئاتلېتىكا ھەرىكىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.

 

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق