باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
شى جىنپىڭ خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل | يوللانغان ۋاقىت:2015-08-23 17:02:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 23-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22 - ئاۋغۇست دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانىدا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ بىلەن كۆرۈشتى .

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئۇزۇندىن بۇيان جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى ، بىز بۇنىڭغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز . جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەنتەربىيە ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ، ئولىمپىك تەنھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم رولىغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بىز ئالدى - كەينى بولۇپ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، گۇاڭجۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شېنجېن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ، نەنجىڭ ياشلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قاتارلىق چوڭ - چوڭ خەلقئارا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكىتىگە بولغان قىزغىنلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئۇرغۇتتۇق ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تۈرتكە بولۇش ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىجابىي رول ئوينىدى .

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق