باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
لى كېچياڭ چەتئەل رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-05 09:49:46

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىسىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بېرما زۇڭتۇڭى تينسىين، ئېفوپىيە زۇڭلىسى ھالمەريەم، ئالجىرىيە مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىن سالىھ، تايلاندنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى باۋى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ بېرما زۇڭتۇڭى تينسىين بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بېرما بىلەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بېنگال، ھىندىستان، بېرما ئىقتىساد كارىدورى قاتارلىق ھەمكارلىق تەشەببۇسلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رايون ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى؛ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، سۇ ئىنشائاتى ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئورۇنلاشتۇرۇش، قايتا قۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. بېرمىنىڭ جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشتا ئىجابىي رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

تينسىين مۇنداق دېدى: بېرما زۇڭلى لى كېچياڭ ئۆتكەن يىلى بېرمىدا زىيارەتتە بولغاندا ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشلارنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تاش يول، سۇ يولى قاتارلىق ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلار، مائارىپ قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوست ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ ئېفوپىيە زۇڭلىسى ھالمەريەم بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئېفوپىيەنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئېفوپىيەگە چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بىزنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

ھالمەريەم مۇنداق دېدى: ئېفوپىيە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئەينەك قىلىپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېفوپىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى، ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك، سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ.

لى كېچياڭ ئالجىرىيە مىللىي پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىن سالىھ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالجىرىيە بىلەن يېقىندىن ئالاقە قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يادرو ئېنرگىيەسى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئاساسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە پائال ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى؛ ئالجىرىيە بىلەن زور خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىلىشىش ۋە مەسلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى خالايدۇ.

بىن سالىھ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالجىرىيىنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىلىك دوستى. ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، ئالجىرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ناھايىتى مەمنۇن، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ تايلاندنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى باۋى بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى باڭگوكتا سىز بىلەن جۇڭگو-تايلاند تۆمۈر يول ھەمكارلىق چۈشىنىش ئەسلەتمىسىنىڭ ئىمزالىنىشىغا تەڭ شاھىد بولغان ئىدۇق. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، تۈرگە تەييارلىق قىلىش خىزمىتىدە پائال ئىلگىرىلەش بولدى. ئىككى تەرەپنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇشنى ۋاقتىدا باشلاپ، تايلاند خەلقىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، رايوننىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى قولايلاشتۇرىدىغان بۇ زور ھەمكارلىق تۈرىنىڭ بالدۇرراق ئۈنۈمى كۆرۈلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

باۋى مۇنداق دېدى: تايلاند جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى دوستلۇق ھەمكارلىق ئاساسىدا راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ. تايلاند جۇڭگو بىلەن بىللە تايلاند-جۇڭگو تۆمۈر يولىدا بالدۇرراق ئىش باشلاش ئۈچۈن چىڭ تۇتۇپ تەييارلىق كۆرىدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق