باش بەت>>خەۋەر مەركىزى>>مۇھىم خەۋەرلەر
يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار | يوللانغان ۋاقىت:2015-09-06 16:02:27

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6 - سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «قارلىق ئېگىزلىكتىكى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېڭى سەھىپىسى-يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك خاتىرىسى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، يىراققا نەزەر تاشلاپ، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ زور پىلانىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تېز تەرەققىي قىلىش، ئىجتىمائىي ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلىنىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش، جەمئىيەت ئومۇملۇقى داۋاملىق مۇقىم بولۇشتەك يىپيېڭى ۋەزىيەتنى ياراتتى. ئالتۇن كۈز پەسىلدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەمدىلا ئاياغلاشقان مەركەزنىڭ 6-قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، شىزاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، خەلقنى بېيىتىپ شىزاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، كىشىلەر كۆڭلىنى مۇجەسسەملەپ، ئاساسنى پۇختىلاپ، شىزاڭنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى مۇھىم ئاساسقا ئىگە قىلدى. تارىخ، تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن شىزاڭ ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلالمىغان، شۇڭا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش زور ئىقتىسادىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېخىمۇ زور سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ 20 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن كەينى-كەينىدىن ئېچىلغان تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنلىرى، مەركەزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىدا شىزاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تاكتىكىسى، مىللەتلەر مەسىلىسى، بىرلىك سەپ خىزمىتى قاتارلىق ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسىنىڭ مەزمۇنىمۇ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش بېيجىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشتى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار شىزاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا سەمىمىي كۆڭۈل بۆلۈپ، مەركەزنىڭ شىزاڭنى قوللاش سالمىقى كۈچەيتىلسە كۈچىيىدۇكى، ئاجىزلاشمايدۇ، شىزاڭ خىزمىتىنى تولۇق تونۇش پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، پۈتۈن پارتىيە ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن مەملىكەت قوللىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. «شىزاڭ بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما شىزاڭ خەلقنىڭ قەلبى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ناھايىتى يېقىن» دېگەن سۆز شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي نۇقتىسىدا، ئىناق، مۇقىم شىزاڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان شىزاڭ، دىن ئىناق بولغان شىزاڭ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى ياخشىلانغان شىزاڭ، چېگراسى مۇستەھكەم شىزاڭ، ئېكولوگىيەسى ياخشى شىزاڭ قارلىق ئېگىزلىكتە كۆتۈرۈلگەن ئەتىگەنلىك قۇياشقا ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىدىغان نۇرلارنى چاچقۇسى!

 

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق