شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-09 17:03

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9 - سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن تەخمىنەن 20 مىڭغا يېقىن كىشى لاسادىكى بۇددالا سارىيى مەيدانىغا يىغىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىزاڭنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يازدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يەندۇڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.

يۈ جېڭشېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىزاڭنى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىمىسى يېزىلغان رامكىنى ھەدىيە قىلدى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەيما چىلىن بېغىشلىما يېزىلغان تاختىنى قوبۇل قىلدى.

يۈ جېڭشېڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى، ئاممىسى، ھەر ساھە ئەربابلىرى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ قىسمىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي-قانۇن كادىر-ساقچىلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى؛ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى، مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشقان يولداشلار، دوستلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى؛ شىزاڭغا كۆڭۈل بۆلگەن، شىزاڭنى قىزغىن سۆيگەن، شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى قوللىغان شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، چەتئەللەردىكى مۇھاجىر قېرىنداشلار ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.