باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-10 17:24

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10 - سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى نەتىجىلىرىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ تارىخىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھىيلىدى. بۇ سۆز كىشىلەر دىلىنى يورۇتتى، چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، ھاياجانغا سالدى. خاتىرىلەش يىغىنىدا 96 ياشلىق لياڭ بىن كۆرۈش سۇپىسىنىڭ بىرىنچى رېتىدە ئولتۇردى. پىڭشىڭگۈن ئۇرۇشىغا قاتناشقان بۇ پېشقەدەم جەڭچىگە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى قانلىق جەڭلەر ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان بولۇپ، باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى قۇربان بولغان قەھرىمانلار، بىگۇناھ جانلارنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش بولدى، دېدى. رۇسىيە فىلولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى بىۋوۋال مۇنداق دېدى: شەرقىي سەپتىكى ئۇرۇش مەيدانىدا ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىق بولغاندا، گېرمانىيە فاشىستلىرى ياپونىيەدىن بىرقانچە قېتىم رۇسىيەگە قىستاپ زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما جۇڭگو خەلقى جان تىكىپ قارشى تۇرۇش ئارقىلىق ياپون ئارمىيەسىنى توسۇپ تۇرۇپ، شىمالغا ئىلگىرىلىگىلى قويمىدى. مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇڭجى مۇنداق دېدى: ئۇرۇش تارىخىدىن قارايدىغان بولساق، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيا تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇش تارىخىدىكى بىر يېڭى ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى يارىتىپ، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يېڭىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ، كېيىنكى دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگو يەنئەن كادىرلار ئىنستىتۇتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسور ليۇ يۈ مۇنداق دېدى: بۇ تارىخقا يېزىلىدىغان بىر قېتىملىق خاتىرىلەش پائالىيىتى بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىشىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن، دۇنياغا جۇڭگولۇقلارنىڭ تىنچلىقنى قەدىرلەش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى روھىغا ۋارىسلىق قىلىشتا، ئېلىمىزنى ياخشى قۇرۇپلا قالماستىن، ئەتراپ ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تۆھپە قوشۇش كېرەك. كادىرلار ۋە ئامما مۇنداق دېدى: غەلىبە ئاسان قولغا كەلمىگەن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئۇلۇغ روھى ئارقىلىق مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى ئۆستۈرۈپ، دادىل، ئەمەلىي بولۇپ، تىنچ، تەرەققىيات ئاساسىي مېلودىيەسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگو ئارزۇسى ئۇلۇغ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىشىمىز كېرەك.