لى كېچياڭ داليەندە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-13 16:07

 


جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13 - سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يازلىق داۋۇس مۇنبىرىگە قاتناشقان مەزگىلدە، داليەندە كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئىگىلىك تىكلەپ يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يەنىمۇ ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. لى كېچياڭ ئالدى بىلەن داليەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونىدىكى ھەممە يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسىغا كەلدى. بۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت قىلىدىغان سۇپا ئىدى. ئۇ خىزمەت سۇپىلارغا بىرمۇبىر بېرىپ، يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلىرى ۋە بازار ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى قۇۋۋەتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېز يولغا قويۇپ، ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، تەپەككۇرنى يېڭىلاپلا قالماستىن، يەنە بازارنىڭ يېڭى ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىدىغان ئۇستىلىق روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي مۇلازىمەت سۇپىسىدا مەسئۇل كىشى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز جەمئىيەتتىن مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، تۆۋەن ئىجارىلىك سورۇن بىلەن تەمىنلەش، ئەشيا ئوبوروتى، قانۇن قاتارلىق جەھەتلەردىن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدۇق. لى كېچياڭ خۇشاللىق بىلەن: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكىلەر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش سىياسەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئىگىلىك تىكلەش مۇھىتى يارىتىشى كېرەك، دېدى. ئارقىدىن لى كېچياڭ داليەن ئېغىر سانائەت كىران شىركىتىنىڭ سېخىغا بېرىپ، مەشغۇلات قىلىۋاتقان ئىشچىلار بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ كارخانىنىڭ بىر قانچە تۈردىكى مۇھىم جابدۇق تېخنىكىسىدا جۇڭگو بويىچە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش تۈرى كۆپەيگەنسېرى كارخانىنىڭ رىقابەت كۈچى شۇنچە ئاشىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى دەرىجىگە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسى ۋە بۆسۈش ئېغىزى ياسىمىچىلىقتا. شەرقىي شىمالنىڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ مەزمۇنى مول، ئەمما تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىمۇ مۈشكۈل. يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلار تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىپلا قالماستىن، بەلكى چوڭ كارخانىلارمۇ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت قېلىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتالايدۇ. لى كېچياڭ تەكشۈرۈش مەزگىلىدە، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، جابدۇق ياسىمىچىلىقى ۋە سىرتقا چىقىرىش قاتارلىق ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، ئۇ لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي شىمالنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتتە رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، دادىل ئىسلاھ قىلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ۋە  خەلق تۇرمۇشىنىڭ داۋاملىق ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.