لى كېچياڭ داۋوس مۇنبىرىدىكى سۆزىدە دۇنياغا جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئىجابىي سىگناللارنى يەتكۈزدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-13 16:30

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 13 - سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بۇ يىللىق يازلىق داۋوس مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە "جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىي خەۋپىنىڭ مەنبەسى ئەمەس»، «جۇڭگو ئىقتىسادى قاتتىق چۈشمەيدۇ»، «جۇڭگو قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى تېزلىتىدۇ» دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، دۇنياغا جۇڭگو ئىقتىسادىدىكى ئىجابىي سىگناللارنى يەتكۈزدى. لى كېچياڭ سۆزىدە دۇنياغا مۇنداق سادانى يەتكۈزدى: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىي خەۋپىنىڭ مەنبەسى ئەمەس، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ مەنبەسىنىڭ بىرى. يېقىنقى بىرقانچە ئايدا جۇڭگونىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى ئۇدا تۆۋەنلەپ، دۇنيانىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى قوزغىدى. لى كېچياڭ بۇ توغرىسىدا ئىككى قېتىملىق سۆزىدە «كۆرۈنۈشتە داۋالغۇش بولغان بولسىمۇ، ۋەزىيەت يەنىلا ياخشى، جۇڭگو ئىقتىسادىي قاتتىق چۈشمەيدۇ»، دېگەن قاراشنى ئېنىق ئىپادىلىدى.

كۆرۈنۈشتە داۋالغۇش بولۇشى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ كونا-يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئالمىشىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىدىن بولغان، ياسىمىچىلىقنىڭ يىرىك ئېشىشىدىن ئۈنۈمدار ئېشىشىغىچە بولغان تەرەققىياتنى ھەمدە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا زىيادە تايىنىشنى ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ تەڭكەش تۈرتكە بولۇشىغا ئۆزگەرتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئازابقا، جاپا-مۇشەققەتكە تولغان جەريان، بۇ مەزگىلدە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا داۋالغۇشتىن ساقلىنىش تەس، بۇ - تەڭشەش، تىپىنى ئۆزگەرتىش مەزگىلىدىكى بىر خىل نورمال ھادىسە.

ۋەزىيەت يەنىلا ياخشى دېگەن ھۆكۈم جۇڭگو ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ تېز سەرخىللىشىۋاتقانلىقى ئاساسىدا چىقىرىلغان. كۆزنى چاقنىتىدىغان مۇنداق بىر تۈركۈم سانلىق مەلۇماتلار بۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ: ئىستېمالنىڭ GDPدىكى نىسبىتى %60تىن ئاشتى، مۇلازىمەتچىلىكنىڭ نىسبىتى %50كە يېقىنلاشتى، يۇقىرى تېخنىكا كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %10تىن ئاشتى.

بۇندىن باشقا، ئىشقا ئورۇنلىشىشمۇ مۇقىم بولدى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭ %70تىن كۆپرەكى ئورۇنلاندى، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى، مال باھاسى مۇقىم بولدى، بۇلارمۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا يۈرىشىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

لى كېچياڭ باش مەقسەتلىك نۇتۇقىدا: جۇڭگو ئىقتىسادى قاتتىق چۈشمەيدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ قۇرۇق گەپ ئەمەس، دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر زۆرۈر يۆنىلىشلىك تەڭشەپ تىزگىنلەش، ئەھۋالغا قاراپ تەڭشەپ تىزگىنلەش ۋە ئېنىق تەڭشەپ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىمىز. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتىن چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى كۆرۈلگەن ھامان يېتەرلىك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىز بار. لى كېچياڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات توغرىسىدا: ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ئامما يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرىدىغان مۇھىم كۈچ، دەپ قاراش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. لى كېچياڭ باش مەقسەتلىك نۇتۇقىدا مۇنداق دېدى: بىز بۇ جەھەتتىكى ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش جەريانىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىمىز، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرىمىز، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىمىز.