جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى يەكۈنلەش يىغىنى ئېچىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-09-17 17:37

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 17-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى يەكۈنلەش يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ئورگانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم خىزمەتچىلىرى، ئارتىسلار، پاراتقا قاتناشقان قىسىملارنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھازىرلىق، ئۆتكۈزۈش خىزمەتلىرىنى ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىغان بارلىق خادىملارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى ھەم سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ يېقىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنى يەكۈنلەش خىزمىتى دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، داغدۇغىلىق، ئالاھىدە، ئېسىل بولۇپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش باش تېمىسىنى تولۇق گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇلۇغ مىللىي روھنى غايەت زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان كۈرەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا بولغان ئىشەنچ، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېلىمىزنىڭ تىنچلىق، ھەققانىيەتنى قوغداشتىكى خەلقئارا ئوبرازىنى نامايان قىلدى. خاتىرىلەش پائالىيىتى-جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ شەرقتىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولۇشتەك تارىخىي ئورنى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى مەركەزلىك گەۋىلەندۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېلىمىزنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىگە قوشقان مۇھىم تارىخىي تۆھپىسىگە بولغان ئېتىراپىنى كۈچەيتتى، بۇ-پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر كوللېكتىپ ئەسلىمە قالدۇرغۇسى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا غايەت زور تەسىر پەيدا قىلغۇسى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن ئېرىشكەن مەنىۋى بايلىقنى ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىگە، تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ئىجابىي كۈچىگە، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، خاتىرىلەش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يەكۈنلەش يىغىنىدا سۆز قىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يەتكۈزۈلدى.

ليۇ يۈنشەن يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ھازىرلىق ۋە ئۆتكۈزۈش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ھەم چوڭقۇر تەسىرىنى ئەتراپلىق شەرھلەپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىشكە ئېنىق تەلەپ قويدى، بۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىدە قىلغان مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۆزنىڭ روھىنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇشتا ھەقىقىي ئىشلىتىش لازىم. كېيىنكى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۇرغۇتقان كۆتۈرەڭگۈ روھ ئارقىلىق، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.