ترامپ ئاق سارايغا كىردى، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2016-11-13 18:31

 

ترامپ كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاساسلىق پۇللاردا كەسكىن داۋالغۇش بولدى، لاتىن ئامېرىكىسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ئاق سارايغا كىردى، ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، ئامېرىكا سودا، كۆچمەنلەر قاتارلىق مەسىلىلەردە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋى كەسىپلىرىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ سودا سىياسىتىنى تەڭشەيدۇ، ئامېرىكىنىڭ قوشنىسى بولغان لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ سودىسى سەل قارىغىلى بولمايدىغان زەربىگە ئۇچرايدۇ.

لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە، مېكسىكا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونىغا كىردى، پىرو بىلەن چىلى قاتارلىق دۆلەتلەر ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمىنى ماقۇللاپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تاشقى سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب ئىقتىساد كومىتېتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2013-يىلى لاتىن ئامېرىكىسى رايونىنىڭ سودا سوممىسى ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ تەخمىنەن %22نى ئىگىلىگەن، بۇ ئاسىيادىن قالسا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ.

مېكسىكىنىڭ پۇل مۇئامىلە تەھلىلچىسى دېراكالې مۇنداق دېدى: ترامپ رىقابەت داۋامىدا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا رايونىنى تارقىتىۋېتىدىغانلىقى ھەمدە ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسىدىكىلەر ئەۋلادلىرىدىن بولغان كۆچمەنلەرنىڭ سىرتقا پېرېۋوت قىلىشىنى مەنئى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، بۇ تەدبىر يولغا قويۇلسا، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئىقتىسادىغا زەربە بولىدۇ. لېكىن ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: رىقابەت شوئارى نەقلىشەمدۇ يوق؟ ترامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشى كېرەك. ترامپ رىقابەت داۋامىدا مۇنداق دېگەن ئىدى: ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئارىسىدا كۆچمەنلەرنى توسىدىغان پاسىل تام ياسايمىز ھەمدە بۇنىڭغا كېتىدىغان چىقىمنى مېكسىكا ھۆكۈمىتى تۆلىشى كېرەك. بۇ مېكسىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپلا قالماستىن، بەلكى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. بۇ قېتىمقى لاتىن ئامېرىكىسى پۇلى داۋالغۇشىدا، مېكسىكىنىڭ پېسوسى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %11تىن ئېشىپ كەتتى. ئوباما ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتى پەيدىن-پەي ياخشىلاندى، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ترامپ دەسلەپكى رىقابەت مەزگىلىدە ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، لېكىن ئاخىرىدا ئالاقىدار سىياسەتلەر توغرىسىدا كۈچلۈك ئىپادە بىلدۈردى ھەتتا ئەگەر كۇبا ئامېرىكىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالمىسا، ئوبامانىڭ ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر قاتار پەرمانلىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋاشىنگتون لاتىن ئامېرىكىسى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى سەيلې مۇنداق دەپ قارىدى: ھازىر ئامېرىكا بىلەن كۇبا ئارىسىدا ئالاقە يولى ئورنىتىلدى، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ كۇباغا مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى كۈنسېرى ئاشماقتا، ئەگەر ترامپ ئامېرىكا كۇبا مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئۈزۈپ قويسا ياكى ئۆزگەرتسە، ناھايىتى ئېغىر سىياسىي بەدەل تۆلەيدۇ.

ئامېرىكا بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئومۇمىي مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتى شىمالىي ئامېرىكا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى نونىس مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەرگە پارچىلاپ باشقۇرۇش سىياسىتى قوللىنىدۇ، ئۇلارغا ھەم يېقىنلىشىدۇ ھەم بېسىم ئىشلىتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سول قانات ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئارىلاشتى. ۋېنېزۇئېلانىڭ سىياسەت ئىلىمى مۇتەخەسسىسى ناۋىس مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ۋېنېزۇئېلا، بولىۋىيە، ئېكۋادور قاتارلىق سولچى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقتىن پايدىلىنىپ بۇ دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېسىم ئىشلىتىشى مۇمكىن.

ئارگېنتىنا بويېنىس ئايرېس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پىروفېسسورى، لاتىن ئامېرىكىسى ئىجتىمائىي پەنلەر كېڭىشىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى مورگېنفېرىد مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان سىياسىتىدە ئورتاق قاراش بار، ئۇ بولسىمۇ، پارچىلىنىپ كەتكەن، ئىتتىپاق بولمىغان لاتىن ئامېرىكىسى ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، مۇشۇنداق بولغاندا، ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى رايونىدىكى ئالاھىدە تەسىر كۈچىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراتقان سىياسىتىدە يوشۇرۇن كەمسىتىش مەۋجۇت ھەمدە لاتىن ئامېرىكىسىنى باراۋەر شېرىكى قىلمايدۇ. ترامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن، بۇ خىل سىياسەت خاراكتېرلىك كەمسىتىش تېخىمۇ روشەن ۋە ئاشكارا بولىدۇ.

ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو بۇ يىل 10-ئايدا مۇنداق دېدى: مەيلى ھىلارى بولسۇن ياكى ترامپ بولسۇن ھەممىسى لاتىن ئامېرىكىسىنى ياخشى كۆرمەيدىغان سىياسەتۋازلار. ئېكۋاتور زۇڭتۇڭى كورىئا مۇنداق دەپ قارىدى: ترامپنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتىدىغان قاتتىق سىياسىتى بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغايدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.