شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئېكۋاتوردا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2016-11-13 17:18

ئېكۋاتورنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى جىرام لون يېقىندا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئېكۋاتوردا تارىخىي خاراكتېرلىك زىيارەتتە بولىدۇ، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى ۋەزىيەتتە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى، ئېكۋاتورنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشىنى كۈتمەكتە.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئېكۋادور زۇڭتۇڭى كورىئا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2007-يىلى ۋە 2015-يىلى ئىككى قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا ئېكۋاتوردا زىيارەتتە بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ دۆلىتىمىز ئۈچۈن غايەت زور شەرەپ.

كورىئا كۆپ قېتىم مۇنداق دېدى: ئېكۋادور بىلەن جۇڭگونىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا، كورىئا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. جىرىم لون مۇنداق دېدى: شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېكۋاتوردىكى زىيارىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرىدۇ.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكۋادور جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە پائال راۋاجلاندۇرىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئېكۋاتورنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئالدىن تاللاش. ئېكۋادور جۇڭگو بىلەن سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

جىرام لون مۇنداق دېدى: ئېكۋادور جۇڭگونىڭ ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى. ئىككى تەرەپ ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەرلىكتە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئۆز-ئارا قوللايدۇ ۋە ماسلىشىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆز-ئارا زىيارىتىنى كۆپەيدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆز-ئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. بولۇپمۇ بۇ يىل 4-ئايدا ئېكۋاتوردا قاتتىق يەر تەۋرەپ، ئېغىر ئاپەت بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتورنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت سەۋىيەسى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلاردەك چوڭقۇر ھېسسىياتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى.

جىرام لون جۇڭگونىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە يەنە بىر قېتىم مىننەتدارلىق بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن تۇنجى بولۇپ ئېكۋاتورغا بەرگەن ياردىمى ۋە مەدىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت. بىز رەئىس شى جىنپىڭنى قوش قوللاپ قارىشى ئالىمىز ھەمدە ئۇ ئارقىلىق، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.

ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى يەنىلا تۆۋەن ھالەتتە تۇرماقتا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى خېلىلا جانلىنىپ قالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلماقتا. ئىقتىسادى ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. جۇڭگو ئېكۋاتورنىڭ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن كېيىنكى 3-چوڭ سودا شېرىكى، جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتورنىڭ سودا سوممىسى 2015-يىلى 3 مىليارد 826 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. جۇڭگو كارخانىلىرى ھۆددىگە ئېلىپ قۇرغان نۇرغۇن تۈرلەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدىكى بەلگىلىك تۈرلەر بولۇپ قالدى، ئېكۋادور خەلقىگە ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى.

جىرام لون مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېكۋاتورنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېكۋاتورنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى نوقۇل، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشتا ئاساسلىقى نېفىت ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق قاتارلىقلارغا تايىنىدۇ. ئېكۋادور ئىپتىدائىي مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئېكسپورت قىلىشىنى ئاساس قىلغان نوقۇل ئىقتىساد قېلىپىنى ئۆزگەرتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېكۋادور جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئاساسلىق مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە تېخنىكىسى ئېكۋاتورنىڭ ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشتە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودىدىكى ئۆز-ئارا تولۇقلاش ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتىكى تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ.