رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق چەتئەل زىيارىتى مول نەتىجىلىك بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2016-11-27 10:18

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى سەپىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن تۈنۈگۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى، بۇ يەنە جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق دىپلوماتىيە سەپىرىنىڭ ئاياغلىشىشى دەپ قارالدى. بۇ يىل رەئىس شى جىنپىڭ بەش قېتىم چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىپ، بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى.

بۇ يىل 19-يانۋار رەئىس شى جىنپىڭ يېڭى يىلدىكى تۇنجى زىيارىتىنى باشلاپ، سەئۇدىي ئەرەبىستانى، مىسىر، ئىراندا زىيارەتتە بولدى. بۇمۇ 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا شەرق رايونىدا زىيارەتتە بولۇشى ئىدى. رەئىس شى جىنپىڭ بەش كۈن ئىچىدە تۆت شەھەرگە باردى، جەمئىي 52 تۈرلۈك ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. شى جىنپىڭ ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ قاھىرەدىكى باش ئورگىنىدا، بىر قوشۇلغان ئىككى قوشۇلغان ئۈچ شەكلى بىلەن جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىر بەلباغ، بىر يولنى بىرلىكتە قۇرۇش ئەندىزىسىنى تەسۋىرلەپ، مېڭزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسىنى شەرھلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ قەدىمكى مۇتەپەككۇرى مېڭزى «ئۆزۈڭ دۇرۇس بولساڭ، يولۇڭ ئوچۇق بولىدۇ» دېگەن. جۇڭگو ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان سىياسەت-تەدبىرلىرىدە، ئىشنىڭ ئۆزىدىن چىقىش قىلىش، ئوتتۇرا شەرق خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىدىن چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز ئوتتۇرا شەرقتىن ۋاكالەتچى ئىزدىمەيمىز، بەلكى تىنچلىق سۆھبىتىگە ئۈندەيمىز؛ تەسىر دائىرىسى تالاشمايمىز، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە بىر بەلباغ، بىر يول دوستلار چەمبىرىگە كىرىشىگە تۈرتكە بولىمىز؛ بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئىزدىمەيمىز، بەلكى ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق، شېرىكلىك تورىنى پۇختىلايمىز.

يىپەك يولى ئوتتۇرا شەرقنى كېسىپ ئۆتۈپ، بوسفورۇس بوغۇزى ئارقىلىق ياۋروپاغا بارىدۇ. بۇ يىل 3-ئاي ۋە 6-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولدى، چېخ، پولشا، سېربىيەگە زىيارەتكە باردى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋارشاۋادا يىپەك يولى خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ-ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن كېلىپ، ئەلرايىغا ماسلاشقانلىقتىن دېرەك بېرىدۇ دەپ كۆرسەتتى.