شى جىنپىڭ تېلېگرامما يوللاپ يولداش فېدېل كاستېرونىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2016-11-27 09:35

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن كۇبا كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى لائور كاستېروغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى، ھۆكۈمىتى، خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىدىن يولداش فېدېل كاستېرونىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش فېدېل كاستېرو كۇبا كومپارتىيەسى ۋە كۇبا سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، كۇبا خەلقنىڭ ئۇلۇغ داھىسى. ئۇ پۈتۈن ھاياتىنى كۇبا خەلقىنىڭ مىللىي ئازالىقنى قولغا كەلتۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە سوتىسىيالىزىم بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا بېغىشلاپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتقان، دۇنيا سوتىسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە قوشقان. يولداش فېدېل كاستېرو دەۋرىمىزدىكى ئۇلۇغ شەخس، تارىخ ۋە خەلق ئۇنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش فېدېل كاستېرو ھايات ۋاقتىدا جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ دوستلۇقىغا كۈچ چىقارغان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 56 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، بۇ ئۇنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۈچ چىقىرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇنىڭ ۋاپات بولۇشى بىلەن جۇڭگو خەلقى يېقىن سەپدىشى ۋە سەمىمىي دوستىدىن ئايرىلدى. ئۇنىڭ شانلىق ئوبرازى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرى تارىخ بەتلىرىگە يېزىلىدۇ. ئۇلۇغ فېدېل كاستېرو مەڭگۈ ھايات.

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن كۇبا دۆلەت كومىسسارىياتىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى لائۇر كاستېروغا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن شۇنداقلا ئۆز نامىدىن كۇبا ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى يولداش فېدېل كاستېرونىڭ بەختكە قارشى ۋاپات قىلغانلىقىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى، كۇبا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى شۇنداقلا فېدېل كاستېرونىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يولداش فېدېل كاستېرو پۈتۈن ھاياتىنى كۇبانىڭ مىللىي ئازالىقى ۋە دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتىغان، ئۇ جۇڭگو بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىگە ئاساس سالغۇچى، ئۇنى قوغدىغۇچى ۋە ئىلىگىرى سۈرگۈچى، ئۇنىڭ جۇڭگو بىلەن كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان ئۆچمەس تۆھپىسى تارىخ بېتىگە يېزىلىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى جۇڭگو بىلەن كۇبانىڭ دوستلۇقىنى ئاۋالقىدەكلا قەدىرلەديۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىدۇ. بىز كۇبا بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى نۇرلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىكە تېخىمۇ كۆپ بەخت يارىتىشنى خالايمىز.