سۇرىيەدە تىنچلىق قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-16 18:35

سۇرىيە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان سۇرىيەدە كۆپلىگەن ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى يۈز بېرىپ، سۇرىيە پۇقرالىرىغا ئېغىر زىيانلارنى ئىلىپ كەلدى، سۇرىيە پۇقرالىرىنىڭ ئۇرۇشقا بالدۇرراق خاتىمە بېرىپ تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارزۇسى كۈنسېرى كۈچەيدى، بىراق قارشىلىشىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ زىددىيىتى ھەل قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، سۇرىيە كىرىزىسى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئۇنداقتا سۇرىيەدە تىنچلىق قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟.

بۇندىن ئالتە يىل ئىلگىرى، سۇرىيەدە چوڭ كۆلەمدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش يۈز بەردى، ھەمدە بۇ تەدرىجىي ھالدا قوراللىق توقۇنۇشقا ئايلاندى. ئەسەبىي تەشكىلات شۇندىن كېيىن مەيدانغا كېلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سۇرىيەدە 300 مىڭدىن كۆپرەك كىشى قازا قىلدى، دۆلەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى، ئۇرۇش ئازابىنىڭ دەردىنى تارتقان سۇرىيەلىك پۇقرالار ھەر ۋاقىت تىنچلىقنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە.

كۆپلىگەن تەھلىلەردە مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: سۇرىيە تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن سىياسىي جەھەتتە يارىشىش ھاسىل قىلىشى، ھەمدە سۇرىيە تەۋەسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلاتنى يوقۇتىشىدىن ئىبارەت ئىككى شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك، بۇنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەسەبىي تەشكىلاتقا زەربە بېرىشتە زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىراق ئۇنى تەل توكۇس يوقىتىش يەنىلا ناھايىتى زور قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يارىشىش مۇساپىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، تىنچلىققا قايتىپ كېلىش يولى تەكشىسىز بولماقتا.

يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بۇيان، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى، تۈركىيە قوللاۋاتقان سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىق تەشكىلات بولغان سۇرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى ھەمدە ئامېرىكا قوللاۋاتقان سۇرىيە دېموكراتىك ئارمىيەسىدىن ئىبارەت ئۇچ تەرەپ كۈچى ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىگە قورشاپ زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بەردى.

ئۈچ تەرەپ كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئارقىسىدا، ئىسلام دۆلىتىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى كۈچ دائىرىسى زور دەرىجىدە كىچىكلەپ، ئۇنىڭ بۇندىن ئىلگىرى كونترول قىلىپ تۇرغان سۇرىيە تۈركىيە چېگرا لىنىيەسى پۈتۈنلەي قايتۇرۇپ كېلىندى، ئۇنىڭ قۇرال ياراغلىرى ۋە خادىملىرىنى تولۇقلاش لىنىيەسى ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى.

ئىسلام دۆلىتى ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئارقا ئارقىدىن چېكىندۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش يەنىلا ناھايىتى زور قىيىنچىلىققا يولۇقماقتا. بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، نۆۋەتتە ئەسەبىي تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن ئۇچ تەرەپ كۈچلىرى ئوتتۇرسىدا زىددىيەت بولۇپ، ئۈنۈملۈك بىرلىشىش كۈچىنى شەكىللەندۈرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇچ تەرەپ ئوتتۇرسىدا ھەر ۋاقىت توقۇنۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى ساقلانماقتا.

سۇرىيە ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم، سۇرىيەنىڭ ماقۇللىغىنى ئالماي تۇرۇپ، سۇرىيە زېمىنىغا كىرگەن ھەر قانداق چەتئەل ئارمىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچى دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىنى تېررورچى تەشكىلات دەپ قاراپ ، دېموكراتىك ئارمىيەسىنىڭ قولىدىن مەنبىجىنى قايتۇرۇۋالدى، ھەمدە دېموكراتىك ئارمىيەسىنى رەققانى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

نۆۋەتتە ئۇچ تەرەپ كۈچلىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالى قىسىمىدىكى كۈچ دائىرىسى بىر بىر بىلەن قارشىلاشماقتا، ئۇلار رەققانى ئازاد قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ، بىراق بۇنىڭدا قانداق ماسلىشىشتا قىيىنچىلىق يەنىلا كۆپ بولماقتا.

2016-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ۋەكىلى جەنۋەدە كۆپ قېتىم تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، بىراق مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇش، ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە قايتىدىن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئىختىلاپ ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئاخىرقى نەتىجىسىز ھالدا سۆھبەتتىن چېكىندى.

تىنچلىق سۆھبىتى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا ئون ئاي بولغاندىن كىيىن، بۇ يىل 2-ئاينىڭ 23- كۈنى قايتىدىن باشلاندى. گەرچە يەنىلا ئىلگىرىلەش بولمىغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى تەرەپ كېيىنكى باسقۇچىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق قارالمىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دىمىستۇرا 3-ئاينىڭ 23-كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يەنى 5- قېتىملىق سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشنى ئۈمىد قىلدى.

سۇرىيەلىك سىياسىي تەھلىلچى دانۇر مۇنداق دېدى: گەرچە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمى ئاستا بولغان بولسىمۇ، بىراق جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتى پۈتۈنلەي قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالمىدى، سۇرىيەدە ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتتە پائال ئۆزگىرىشلەر بولدى، كەلگۈسىدە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد بار.

ئۇندىن باشقا، سۇرىيە تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسىدا بۇ يىل يەنە ئاستانە تىنچلىق سۆھبىتى مېخانىزمى بارلىققا كەلدى. بۇ تىنچلىق سۆھبىتى مېخانىزمى ئاساسلىقى، رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرلىرى سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلدى، بۇ جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق.

سۇرىيە پۇقرالىرىنىڭ تىنچلىقنى ئۈمىد قىلغىنىغا خىلى ئۇزاق ۋاقىت بولدى.ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى مۇختەر مۇنداق دېدى: مېنىڭ كۆپ قىسىم ياشلىق باھارىم ئۇرۇش كۆلەڭگىسى ئىچىدە ئۆتتى، تۇرمۇشۇمنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى بولمىدى.مەن، ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ تالاش تارتىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئۇرۇشقا بالدۇرراق خاتىمە بېرىپ، سۈرىيەلىكلەرنى قايتىدىن نورمال تۇرمۇشقا قايتىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە بىرلەشمە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 3- قېتىملىق سۆھبىتى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 15-مارت ئاخىرلاشتى. بىراق سۆھبەتتە كونكرېت نەتىجىلەر بولمىدى. ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتكە قاتناشمىدى، ئۇلار ئاستانىگە كېچىكىپ 16- مارت ئاستانىگە كەلدى.

رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى لاۋرېنتيېۋف سۆھبەتتىن كىيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك كېڭەشنىڭ ئاساسلىق تېمىسىنى رۇسىيە تەرەپ تەييارلىدى، ھەر قايسى تەرەپلەر سۆھبەتتە بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى يەنىلا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلغاندىن بۇيان، سۇرىيەدىكى تۈرلۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر زور دەرىجىدە ئازايدى.

ئۇ ئۆكتىچى گۇرۇھلار ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەتكە قاتناشمىغانلىقى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: گەرچە ئۆكتىچىلەر ۋەكىللەر ئۆمىكى سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا ئۇلارنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز. رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆكتىچىلەر بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى ساقلايدۇ . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ئالاقىدار تېمىلاردا ئەڭ چوڭ چەكلىمىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

14-مارت، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى رۇسىيە بىلەن سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قەستەن ئەمەلىيلەشتۈرمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلدى. ھەمدە رۇسىيە يەنىلا سۇرىيەدە پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئىلىپ بارماقتا، ھەمدە سۇرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ جىنايى ھەرىكەتلىرىنى قوللىماقتا دېدى. رۇسىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە بۇنداق سۆزلەرگە قوشۇلمايدۇ، ھەمدە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇنداق سۆزلەرنى باھانە قىلىپ سۆھبەتكە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، لاۋرېنتيېۋف شۇ كۈنى، نۆۋەتتە ئېرىشكەن خەۋەرلەردىن ئايان بولۇشىچە، ئۆكتىچىلەر ۋەكىلىنىڭ 16-مارت ئەتىگەندە ئاستانىغا يېتىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۆكتىچىلەر بىلەن كەڭ دائىرىدە ئۇچرىشىش ئۈچۈن، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئاستانىدا بىر قىسىم ئەزالىرىنى قالدۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

بۇ يىل 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىراننىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر ئاستانىدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، سۆھبەتتىن كىيىن، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۇرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى بىرلىكتە نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىن، رۇسىيە، تۈركىيە ۋە ئىران ئاستانىدا سۇرىيە مەسىلىسى بىرلەشمە ھەرىكەت گۇرۇپپىسىنىڭ 1-،2- قېتىملىق سۆھبىتىنى ئۆتكۈزدى.