بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىن دۇنياغا قانداق سىگناللار بېرىلدى؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17 17:36

بىر قانچە كۈندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتى، كۆپ مەيدان مۇخبىرلار يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جامائەت پىكىرى دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى، «تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات»، «جۇڭگونىڭ 2025-يىلغىچە بولغان ياسىمىچىلىق »، «بىر بەلباغ بىر يول» قاتارلىقلار چەتئەل تاراتقۇلىرى دىققەت قىلىدىغان ھالقىلىق سۆزگە ئايلاندى.

خەلقئارا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت ئىچى تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئېنىقلىقىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا مۇقىمسىزلىقىغا زەربە بەردى. دۇنيا مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەۋاتقان، ئومۇميۈزلۈك ئىچىۋېتىلگەن جۇڭگونى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگونىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچ» ۋە«موتورلۇق» رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ.

نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرماقتا. ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، مەيلى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانىنى بېكىتىش بولسۇن ۋە ياكى تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى نىشاننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولسۇن، سىرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىسلاھات ئىرادىسىنى، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت تەپەككۇرىنى كۆردى.

رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ 2017-يىلى كۆپ تۈرلۈك ئاساسلىق ئىقتىسادى تەرەققىيات كۆزلىمە نىشانىنى تۆۋەنلىتىشى جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىقتىسادنى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: %6.5لىك ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىشانى نۆۋەتتىكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت نۇقتىسىنى خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پىشاڭنى تۆۋەنلىتىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش ۋە كۆپۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قاراتقانلىقىنى نامايان قىلدى، قىسقا ۋاقىتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىن نىشان ئەمەس.

بۇ يىلقى ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى بەش چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپە، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش، ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش، پىشاڭسىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشتەك يېڭى نىشان ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ھىندونېزىيە ئاقىللار ئامبىرى ئاسىيا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى سۇريونو مۇنداق دېدى: تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات جۇڭگو ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق، جۇڭگو خەلق ئاممىسىنىڭ خاسلىقى، كۆپ مەنبەلىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ سېلىش قوزغىتىشىدىن ئىستېمال قوزغىتىشىغا بۇرۇلۇش ياسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئاسىيا رايونىنىڭ ئېكسپورتىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ، رايون ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈشكە پايدىلىق.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: 2017-يىللىق ئىككى يىغىن دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. بۇنىڭدىكى مۇھىم بىر سەۋەب خەلقئارا ۋەزىيەتتە زور ئۆزگىرىش بولغانلىقىدا. بۇ ئەنگلىيە ياۋروپادىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلغان، تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن ئېچىلغان 1-قېتىملىق جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنى.

جۇڭگو نارودنىكىلىقنىڭ ياۋروپا، ئامېرىكىدا باش كۆتۈرۈش يېڭى خىرىسىغا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشى، ئەركىن سودىنىڭ تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك؟

جۇڭگو ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم ئېنىق پوزىتسىيە ۋە لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان « تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئىچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش» دۇنيانى روھلاندۇردى، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش، تاشقى سودىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى زور كۈچ بىلەن سەرخىللاشتۇرۇش، خەلقئارا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق تەدبىرلەر تېخىمۇ قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

مېكسىكا دۆلەتلىك ئاپتونومىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مارتىنىس مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئەركىن سودىغا پائال تۈرتكە بولۇپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتىكى دۇنيادا مۇقىمسىز ئامىللار كۆپەيمەكتە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ يېتەرسىز، جۇڭگو باشقا دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر ئىچىۋەتكەن ئاساستا ھەمكارلىشىپ، رايون ھەمكارلىقى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىدا ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىقتىسادنى يەر شارىلاشتۇرۇش- دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو يەر شارى ئىقتىسادى ھەمكارلىقىغا قەتئىي تەۋرەنمەستىن تۈرتكە بولىدۇ.

رۇسىيە ئالى ئىقتىساد ئىنستىتۇتى شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇدىرى ماسروف مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يەر شارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشىغا زەربە بەردى. بۇ جۇڭگونىڭ سىرتنىڭ بېسىمىدا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

جۇڭگونىڭ كۈنسېرى دۇنيا سەھنىسىنىڭ مەركىزىگە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى يىغىننىڭ خەلقئارادىكى تەسىرىمۇ ئاشماقتا. نۇرغۇن چەتئەللىك ئەربابلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىككى يىغىن ئارقىلىق جۇڭگونىڭ سىياسىتىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئەينەك قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

بىرازىلىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت پىروفېسسورى پىروكوپىئوۋ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىككى يىغىنى خەلقئارا تەسىرگە ئىگە چوڭ ئىش. يەر شارى سىياسىي ئىقتىسادى تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەتلەر دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.