سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-17 17:45

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھى سالمان جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان پەيتتە، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى زاتلار سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030-يىللىق پىلانىنى چوڭقۇر باغلاشنى كۈتمەكتىمىز دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىت ۋە ئىقتىساد مۇتەخەسسىسى مۇھەممەد سابان مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو تىز سۈرەتتە ، مۇقىم قەد كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى ؛ خەلقئارا سەھنىدە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.

سابان مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئېنېرگىيە تەمىناتىدىن ئايرىلالمايدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونى نېفىت بىلەن تەمىنلەيدىغان بىخەتەر ئىشەنچلىك مەنبە دۆلىتىگە ئايلىنىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى ئۇدا نەچچە يىل جۇڭگونىڭ ئەڭ چوڭ خام نېفىت بىلەن تەمىنلەش دۆلىتىگە ئايلاندى.

سابان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگونىڭ سودا سوممىسىنىڭ ئېشىشى بىر ئىزدا توختا قالدى، لېكىن بۇ ۋاقىتتا جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛سەئۇدى ئەرەبىستانى نېفىتكە تايىنىشتىن قۇتۇلىدىغان2030-يىللىق پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئىككى پىلاننى تۇتاشتۇرۇشتا جۇڭگو ئىلغار پەن تېخنىكا بىلەن كۈچلۈك سانائەت ياسىمىچىلىق ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قۇرسا ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىتتىن باشقا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بەرسە بولىدۇ؛ سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىلغار نېفىت تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىلىرىنى غايەت زور جۇڭگو بازىرىدا قوللانسا بولىدۇ سابان مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلىدىن ھازىرغىچە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۆز ئارا زىيارەتتە بولۇپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈردى، مەن ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەمكارلىقىدىن تولۇپ تاشقان ئۈمىدنى كۈتمەكتىمەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئىقتىساد جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئىقتىسادشۇناس ئابدۇللاھ ماگۇس مۇنداق دېدى: سالمان شاھزادە بولغان مەزگىلدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئىدى،ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى قوشۇمچە ئىككىنچى مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سالمان ئەلىشاد جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى. سالمان بۇ قېتىم يەنە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. بۇنىڭدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

ماگۇس مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئاساسلىقى ئېنېرگىيەنى ئاساس قىلاتتى. جۇڭگو سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خام نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق بازىرى. ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگونىڭ تېخنىكىسى، تەجرىبىسى، مەبلىغىنى كىرگۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ نېفىتتىن باشقا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى جۇڭگو سودا كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاجران گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى مۇھەممەد ئاجران مۇنداق دېدى: سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030-يىللىق پىلانىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى مەبلەغ سېلىش ساھەسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىش ۋە چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا مەبلەغ سېلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ تەرەققىيات پىلانى بىلەن بىردەك.

ئاجران گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق تىجارىتى سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار دائىم كىيىۋالىدىغان مىللىي كىيىمى ئەرەب چاپىنى بىلەن باش كىيىمى ، گۇرۇھىمىز ساتىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ئۇنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ.

ئاجران مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ مەبلىغى، تېخنىكىسى، ئىختىساسلىقلىرى بار. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مالىيە كۈچىمۇ ئاجىز ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى سەئۇدى ئەرەبىستانى غايەت زور بازارغا ئىگە. جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى، سەھىيە ، پەن مائارىپ، ئۇچۇر تېخنىكا ، تىرىلمە ئېنېرگىيە ، ساياھەت، كەسپىي تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ.

سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن جۇڭگو يېقىندا ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن كارتون فىلىم "كوڭ شياۋشى بىلەن ھاجىم" كىنوسىغا ئوخشاش جۇڭگونىڭ بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2030-يىللىق پىلانى ھەمدە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ئارقىسىدا، ئىككى دۆلەت ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەيدۇ.