تېرىسا ماي 18-ئىيۇندا چوڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19 14:20

 

ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماي تۈنۈگۈن بۇ يىل 8-ئىيۇن چوڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگلىيەنىڭ كىيىنكى نۆۋەتلىك چوڭ سايلىمى ئەسلى 2020-يىلى ئۆتكۈزۈلەتتى، ئەمما تېرىسا ماينىڭ بۇ ئىپادىسى سىرتتىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. تېرىسا ماي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنداق قىلىشىمىزدىكى مەقسەت كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئۈستۈنلۈكىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگلىيەگە ۋاكالىتەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش.

ئۆتكەن نۆۋەتلىك ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى 2015-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن، شۇ ۋاقىتتا داۋى كامېرون كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ سايلامدا ئۇتۇپ چىققان. ئەمما ئالدىنقى يىل ئىيۇندا ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قۇيۇپ قارار قىلغاندىن كېيىن، كامېرون باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. بۇنىڭدىن كېيىن، تېرىسا ماي باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

تېرىسا ماي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئەسلى 2020-يىلى توشىدۇ. ئەنگلىيە قانۇنىغا ئاساسەن، باش ۋەزىر بىۋاسىتە چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈشنى تەشكىللىيەلمەيدۇ، بۇ قارار ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىمىدىن كۆپرەك ئاۋازغا ئېرىشكەندە ئاندىن ماقۇللىنىدۇ.

نۆۋەتتە، ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدىكى 650 ئورۇننىڭ 330 ىنى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىگىلىگەن.

تاراتقۇلار ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن ئەگەر مۇددەتتىن بۇرۇن چوڭ سايلام ئۆتكۈزۈلسە ، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى چوقۇم غەلىبە قىلىشى مۇمكىنلىكىنى، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىپ، «ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتىدە ئۆكتىچى پارتىيەدىن ھېيىقىپ قېلىشتەك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر قانچە ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسنى قوللاش نىسبىتى لېبورستلار پارتىيەسىدىن تەخمىنەن 20 پىرسەنت يۇقىرى ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئەنگلىيە جامائەت پىكىرىنى تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئەل رايىنى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كىم ئەنگلىيەگە ياخشى باش ۋەزىر بولالايدۇ دەپ سورالغاندا، % 50 تەكشۈرۈلگۈچى تېرىسا ماينى تاللىغان، ئەمما ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە لېبورستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى جېرېمي كوربىننىڭ قوللاش نىسبىتى ئاران ٪ 14 بولغان.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى قارارىغا قارىتا، لېبورستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوربىن بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: «بىز باش ۋەزىرنىڭ قارارىنى قارشى ئالىمىز، بۇنداق بولغاندا، ئەنگلىيەلىكلەر بىلەت تاشلاش ئارقىلىق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدىغان ھۆكۈمەتنى سايلاپ چىقالايدۇ.»

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ لېبورستلار پارتىيەسىنىڭ 19-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدا ئاۋاز بېرىشىتە مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈشكە توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تىم فاررونس باش ۋەزىرنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق سايلام كۆپچىلىكنىڭ دۆلەت يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتى، ئەگەر سىز ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئاپىتىدىن ساقلانماقچى بولامسىز، ئەنگلىيەنى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇ يەككە بازاردا قالدۇرماقچى بولامسىز ...، بۇ سىزنىڭ پۇرسىتىڭىز!»