فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش سۇيىقەستىدە بولغان ئىككى گۇماندارنى تۇتۇۋالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 10:57

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 20-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

فىرانسىيە دائىرىلىرى ئىككى ئەرنىڭ فىرانسىيە چوڭ سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا «زورلۇق ھۇجۇمى» قىلىشنى پىلانلىغانلىقى سەۋەبلىك فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر مارسېلدا تۇتۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ماتىئاس فىكېر 18-ئاپرېل، ئىككى ئەرنىڭ فىرانسىيە چوڭ سايلىمىنىڭ ھارپىسىدا «زورلۇق ھۇجۇمى» قىلىشنى پىلانلىغانلىقى سەۋەبلىك فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر مارسېلدا تۇتۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ رىقابىتىگە قاتنىشىدىغان ئاساسلىق بىر نەچچەيلەن بۇندىن بۇرۇن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇشلارنى تاپشۇرۇۋالغان.

قولغا ئېلىنغان گۇماندارىنىڭ ئىككىلىسى فىرانسىيەلىك بولۇپ، بىرى 23 ياش، بىرى 29 ياش ئىكەن. ئىككىيلەن تۇتۇلغاندىن كېيىن، فىرانسىيە دائىرىلىرى ئاختۇرۇش جەريانىدا بەزى قورال ۋە بومبا ياسايدىغان ماتېرىياللارنى بايقىغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقى فىكېرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: بۇ ئىككى رادىكال ئۇنسۇر .... كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە فىرانسىيەدە ھۇجۇم قوزغىماقچى بولغان.» دەپ خەۋەر بەردى.

ئۆتكەن ئىككى يىلدا، رادىكال ئۇنسۇرلار فىرانسىيەدە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىپ، ئاز دېگەندە 230 ئادەم قازا قىلدى. 2015-يىلى 13-نويابىر پارىژدا يۈز بەرگەن ئارقىمۇ ئارقا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، فىرانسىيە ئىزچىل جىددىي ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى، بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

فىكېر مۇنداق دېدى: پات ئارىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 50 مىڭ ساقچى، ژاندارما ۋە ئەسكەر سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيداننىڭ ھەممە بولۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، «بىخەتەرلىك قىسىملىرى فىرانسىيەنىڭ ھەممە جايلىرىغا تارقىلىپ، فىرانسىيە خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ تىنچ ئامان ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. »

فىكېر ۋە فىرانسىيە ساقچىلىرى قولغا ئېلىنغان گۇماندارلارنىڭ قانداق ھۇجۇم قىلىش پىلانى، قانچە نامزاتقا ھۇجۇم قىلماقچى بولغانلىقى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى.

فىرانسىيەنىڭ قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان زۇڭتۇڭ نامزاتى، ئوڭ قانات پارتىيە خەلق فىرونتى رەئىسى مارىنا لېپېنتىر ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق رىقابەتچىسى ئوتتۇرا ئېقىمدىكىلەر نامزاتى مانۇئېل ماكېلون ئالدىنقى ھەپتە فىرانسىيە دائىرىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن لېپېنتىر نىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «گۇماندارىنىڭ سۈرىتى 13-ئاپرېل مېنىڭ ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىمغا ئەۋەتىپ بېرىلدى» دەپ خەۋەر بەردى.

ماكېلوننىڭ ياردەمچىسىمۇ سايلام رىقابىتى كوللېكتىپىنىڭ سۈرەتنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇندىن باشقا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى فىرانسوۋا فىللوننىڭ ياردەمچىسى فىللون 14-ئاپرېل بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالدى، دېدى.

ماكېلون گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىگە قارىتا 18-ئاپرېل مۇنداق دېدى: تېررورىزمنىڭ تەھدىتى سايلام رىقابىتى مەزگىلىدە ناھايىتى زور بولىدۇ.

ئۇ ئىنتېرنېت شىركەتلىرىنىڭ تور ئەسەبىيلىكلىرىنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلدى. تېررورچىلىق بىر خىل خىرىس، بىز تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىشىمىز كېرەك، چۈنكى تېررورچىلار بىزنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.