ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۈركىيە يۈزلىنىدىغان ئۈچ مۇھىم نۇقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-20 16:39

 

تۈركىيەنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسىنى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشى زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمنى قوللاش بىلەن ئاياغلاشتى، زۇڭتۇڭ ئەردوئان غەلىبە قىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن مۇھاكىمە قىلىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى، ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ نۇرغۇن تەھلىلدە مۇنداق دەپ قارالدى: ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئەردوئاننىڭ ھوقۇقنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش تەدبىرى، چۈنكى ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ غەلىبە قىلىشى ئۇنىڭ 2029-يىلىغىچە ھوقۇق تۇتۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئاساسسىز ئەمەس، بىراق ئاساسلىق سەۋەبمۇ ئەمەس. ئاساسلىق سەۋەب تۈركىيە تەرەققىيات جەريانىدا بوغما ھالەتكە دۇچار بولدى، دۆلەت ئىچىدە داۋالغۇش ئامىلى شىددەت بىلەن ئېشىپ كېتىپ، خەلق كۈچلۈك ھۆكۈمەتكە موھتاج بولدى، ئەردوئان ئەلرايىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ھوقۇق تۇتۇشنى ئويلىدى. بىراق مەسىلە شۇكى تۈركىيە بۇندىن كېيىنكى تەرەققىيات جەريانىدا ئاتالمىش «ئالتۇن تەرەققىيات مەزگىلى»قالدۇرغان ئاسارەتتىن قۇتۇلالامدۇ-يوق؟

ئەردوئان ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، تۈركىيە ئىقتىسادى كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغۇدەك ئىلگىرىلىدى، بىراق مۇنداق ئۈچ يوشۇرۇن خەۋپ ساقلاندى. بىرىنچى، ئىقتىسادشۇناسلار ئېيتقاندەك «ئىش ئورنى كۆپەيمىدى». ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى ئون يىلىغىچە، تۈركىيەدە يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىقتىساد ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ئەمما شۇ مەزگىلدە ئىشسىزلىق نىسبىتى ئېشىپ كەتتى، ئىشسىزلار قوشۇنى ئون پىرسەنتنى ئىگىلىدى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى بەك يۇقىرى بولدى. ئىككىنچى، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولدى، 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان بەش يىلدا، تۈركىيەدە پۇل پاخاللىق نىسبىتى 7.5 پىرسەنت ئەتراپىدا بولدى؛ بۇ يىل مارتتا، پۇل پاخاللىقى نىسبىتى 11.3 پىرسەنتكە يېتىپ، 2012-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى. ھۆكۈمەت خامچوت قىزىل رەقىمىنى تەڭشەش ئۈچۈن چەتئەلگە مەبلەغ يۈرۈشتۈردى، چەتئەل پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆسكەنلىكتىن سۇ ئۇلغايسا كېمە كۆتۈرۈلۈپتۇ دېگەندەك تاشقى قەرز بېسىمىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى. ئۈچىنچى ئاتالمىش «خادىغا تايىنىش سىياسىتى» مەغلۇپ بولدى. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، تۈركىيە ياۋروپانى ئىقتىسادى كېمىسىنىڭ خادىسى دەپ قاراپ، ئىزچىل ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرىشنى مەقسىتىدە ياۋروپا قېلىپىغا ئەگەشتى. 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتمۇ قات قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن باغلانغان سىياسەتلەر تۈركىيەدە گۇمان قوزغىدى. مۇشۇنداق ئۈچ يوشۇرۇن خەۋپ ئاستىدا، تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ئىقتىسادىنى 2.5پىرسەنت ئاشۇردى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 4.5 پىرسەنتلىك نىشانىدىن خېلىلا تۆۋەن، مۇدى باھالاش ئورگىنى تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق قەرزىنى «ئەخلەت دەرىجىسى» قىلىپ بېكىتتى.

ئىككىنچى، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە شۇكى، ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسى تۈركىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتەلەمدۇ-يوق. ئەردوئان سېھرىي كۈچكە تولغان رەھبەر، ئوتتۇرا تۆۋەن قاتلامدىكى ئامما ئارىسىدا بىر قەدەر يۇقىرى قوللاش نىسبىتىغا ئىگە. ئۇنىڭ ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىدىكى سەۋەب ئۆزىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى نىسبەتتە يېڭىپ چىقىشىغا ئىشەنگەنلىكىدە. ھالبۇكى بۈگۈنكى 51 پىرسەنتلىك نەتىجە ئۇنى نائۈمىدتە قويدى، ئۇنىڭغا ھەممىدىن بەكرەك زەربە بولغىنى ئىستانبۇل ئاممىسىنىڭ قارشى ئاۋاز بەرگەنلىكى بولدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا ئەردوئان ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى ئىدى، ئۇ ئىزچىل بۇ يەردىكى خەلق ماڭا سادىق دەپ ئويلايتتى. ئەنگلىيە ئاقىللار ئامبىرى «چاتام تەتقىقاتخانىسى»نىڭ تەتقىقاتچىسى فادىخاكۇلا مۇنداق دەپ قارىدى: ئىستانبۇلدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراش ئەردوئاننى بىر سىياسىي بازىدىن مەھرۇم قىلدى، بۇ ئومۇمىخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنىڭ «ئېچىنىشلىق غەلىبىگە ئېرىشىش»نىڭ روشەن بەلگىسى.

ئېچىنىشلىق غەلىبىنىڭ يەنە بىر بەلگىسى شۇكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بىلەن خەلق دېموكراتىك پارتىيەسى ۋەكىللىكىدىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ئۇلار مۇنداق دېدى:بىر تۈركۈم بېلەتلەرگە رەسمىي تامغا بېسىلمايلا ئۈنۈملۈك بېلەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ، يەنە بەزى ئاۋاز بەرگۈچىلەر باشقىلارنىڭ نازارىتى بولمىغان ئەھۋالدا ئۆزى مۇستەقىل ئاۋاز بېرىشكە ئامالسىز قالغان، ئىككى پارتىيە شۇڭا ئومۇمىي خەلقنى ئاۋازغا قويۇش كومىتېتىدىن ئاۋاز نەتىجىسىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى، ئەردوئان ئۆكتىچىلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا قاتتىق قول ئۇسۇلىنى يەنە ئىشقا سېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆكتىچى گۇرۇھنى بەك كېچىكتىڭلار دەپ مازاق قىلدى يەنە بىر تەرەپتىن مۇئاۋىن زۇڭلىغا ھوقۇق بېرىپ، ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئىشقا ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىشتە يولغا قويغان جىددىي ھالەتنى ئۈچ ئاي ئۇزارتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەردوئاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئوڭ قانات مىللەتچىلەر، مۇسۇلمانلار ئاممىسى ۋە دېھقانلار، ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مائارىپ ئارقا كۆرۈنۈشى ياخشى دىندىن خالىي شەھەر ئاھالىلىرى، سولچىل ئەربابلار ۋە غەربپەرەس ئەربابلار، بۇ ئىككى كۈچ ھازىر قاتتىق پۇت تېپىشىۋاتىدۇ، ئەردوئان بۇ ئىككى كۈچنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭالىسا،ئۇنىڭ ئىقتىسادنى قايتا يۈكسەلدۈرۈش پىلانى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن، ئەگەر زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە تايىنىپ ئۆكتىچىلەرنى قاتتىق باستۇرسا بولۇپمۇ دىنىي كۈچلەر ئارقىلىق دىندىن خالىي كۈچلەرنى باسسا نەتىجە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن چەتئەل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولىدىغانلىقى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا، ئەردوئاننىڭ نۆۋەتتىكى دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، يەنى ئۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئاساسىدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرق، بولۇپمۇ سۇرىيە مەسىلىسىدە بۇ رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنى ۋە تەسىرى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ، بۇ ئۈچى ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەت ــ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەتلەر ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن تەشكىلاتلاردىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادى ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.

ئەمما دۆلەت ئىچىدە مۇقىمسىزلىق ئامىلى مەۋجۇت بولغانغا ئوخشاش، ئەردوئاننىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى خەلقئارادا ئوخشاشلا قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ، بۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا رۇسىيە سۇرىيەنىڭ قايسىسى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىدا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ، تۈركىيە ئەسلى رۇسىيەنىڭ سودا شېرىكى ئىدى، ئەمما تۈركىيە سۇرىيە تەرىپىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان رۇسىيە ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرىۋەتكەندىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، سودا ئالاقىسى توختاپ قالدى، ئەردوئان ئەمەلگە ئاشمىغان سىياسىي ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن ئامېرىكا بىلەن يامانلاشقاندىن كېيىن يەنە رۇسىيە بىلەن يېقىنلاشتى، سۇرىيە مەسىلىسىدىكى مەيدانىمۇ رۇسىيەگە يېقىنلاشتى. يېقىندا تىرامپ سۇرىيەگە 59 باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاشلىغاندىن كېيىن تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەل ياخشىلاندى، پۇتىن بىلەن ئەردوئان ئۈمىدلەنگەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى ساھەسى يەنە ئېنىقسىزلىققا تولدى، بۇ جەريانلار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدىكى ئەردوئان ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئىتتىپاقداشلىقنىڭ مۇھىملىقى رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقتىن نەچچە ھەسسە مۇھىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ئۆزىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش تانكىسىغا باغلاپ قويغان دۆلەتنىڭ مۇستەقىل دىپلوماتىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ ئىنتايىن قىيىنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ نۇقتا ياۋروپانىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتىيسەسى، كورېيەنىڭ ساد ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە تولۇق گەۋدىلەندى.