جۇڭگو سۈرئىتى مالى ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-16 10:51

ساياھەت مۇقەددەس جايى بولغان مالدىۋېنىڭ ئەڭ گۈزەل ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى دېگەن نامى بار، ھەر يىل ئۇ يەرگە بارىدىغان ساياھەتچىلەر بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشىدۇ.لېكىن مەيلى قىياپىتى ۋە خېرىدارلارنىڭ تەسىراتى جەھەتتىن بولسۇن، مالدىۋېدىكى مالې خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ۋەزىيەتنىڭ كەينىدە قالغان بولۇپ، ئايروپىلان قونۇش سانى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، يىللىق قونۇش، ئۇچۇش مىقدارى 4 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىدا پەقەت ئوتتۇرا تىپتىكى ئايروپىلانلار ئۇچۇپ قونالايدۇ، دەل مالدىۋېنىڭ ساياھەت مىنىستىرى مۇسا زامىر ئېيتقاندەك: مالدىۋېنىڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى- مالې ئايرودۇرۇمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش.

ھازىر زاھىرنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى. جۇڭگو مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ۋە قۇرۇپ بەرگەن مالې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدۇ، كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى ئايرودۇرۇمنىڭ قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ.

ئەمەلىيەتتە،ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا ئىش باشلىغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مالې ئايرودۇرۇمىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە دىققەت قىلدى. ئايروپىلان قونۇش داۋامىدا، ئايرودۇرۇمنىڭ بىر يېنىدىكى قۇرۇقلۇقتا بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىنگلىزچە bucg دېگەن 4 ھەرپلىك ئىسمى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇرىدۇ، توپا ئىتتىرىش، توپا قېزىش ماشىنىلىرى، قۇم تارتىش كېمىلىرى ئۇياقتىن-بۇ ياققا ئۆتۈپ تۇرىدۇ.

بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى مۇھىم دۆلەت مالدىۋې ھىندى ئوكياندىكى مۇھىم يولغا جايلاشقان بولۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئۆتەل. 2014-يىلى بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇش گۇرۇھى بىلەن مالدىۋې ئايرودۇرۇم شىركىتى ئايرودۇرۇمنى كېڭەيتىپ قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى.

بېيجىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى خەلقئارا كەسپى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى لو ۋېي مۇنداق دېدى: بۇ تۈر مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قوشۇلغان لايىھەلەش بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىمپورت ئېكسپورت بانكىسى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مەدىتى بىلەن تەمىن ئەتتى، دېڭىزنى تىندۇرۇش قۇرۇلۇشى، قىرغاقنى ئاسراش قۇرۇلۇشى، يول ۋە ئايروپىلان قونۇش مەيدانى قۇرۇلۇشى، ماي ساقلاش باكى ۋە ئايروپىلانلارغا ماي تولۇقلاش تۇرۇبىسى قاتارلىق نۇرغۇن قۇرۇلۇشلاردىن تەركىب تاپقان. ناھايىتى كۆپ قۇرۇلۇشلارنىڭ مەزمۇنى شەھەر قۇرۇلۇشى گۇرۇھىغا نىسبەتەن تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپلا قالماستىن، جۇڭگونىڭ بىناكارلىق كارخانىلىرى ئۈچۈنمۇ تۇنجى قېتىملىق ئىش.

ئەڭ بىۋاسىتە بېسىم قۇرۇلۇش مۇددىتىدىن كەلدى. نورمال ئۇچۇش قونۇشقا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، تۈردە ھەر كۈنى سائەت نۆلدىن سائەت 6گىچە قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى 7-ئايدا دېڭىزنى تولدۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلاندى، بۇ يىل 5-ئايدا دېڭىزنى تولدۇرۇش قۇرۇلۇشى ئاساسەن ئاياغلاشتى، تۈر بۆلۈمى تەخمىنەن 5 مىليون 400 مىڭ كۇپ مېتىر يەرنى تولدۇردى، بۇ تەخمىنەن ئىككى كۈنمىڭ كۆلىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئىككى ئايدا 800 كىشى تۇرمۇش كۆچۈرەلەيدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك بىر لاگېر سېلىندى.

لو ۋېي مۇنداق دېدى: دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى بۇ تۈر نۇرغۇن تېخنىكا ئۆلچىمى بىلەن چېتىلىدۇ، ئايروپىلان ئۇچۇش رايونى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ قېلىپى ۋە ئۆلچىمى بىلەن لايىھەلەنگەن، ياسالغان ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنغاندىن باشقا، بارلىق بىنالار جۇڭگونىڭ ئالاقىدار قېلىپى ۋە ئۆلچىمى بويىچە لايىھەلىنىدۇ، ياسىلىدۇ ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنىدۇ، بۇ جۇڭگو ئۆلچىمى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلدى.

دەل مالدىۋېنىڭ ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى سەيىد ئېيتقاندەك ئىش باشلاش مۇراسىمىدا كۆرسىتىلگەنگە ئوخشاش، كېڭەيتىلگەندىن كېيىنكى ئايرودۇرۇمدا چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانلىرى ئۇچۇپ قونالايدۇ، تىرانسپورت قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئۈنۈملۈك ئۆسىدۇ، يەنە شۇ جايغا ئومۇمىي سوممىسى 4 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ساپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرۇلۇش تۈرى رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تەخمىنەن 9 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىدۇ ھەمدە پۈتكەندىن كېيىن شۇ جاينىڭ ساياھىتىگە ئالاقىدار كەسىپلەرگە تەخمىنەن 75 مىڭ ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈنۈمى %20 ئۆسىدۇ.

مالدىۋې زۇڭتۇڭى يامىڭ مۇنداق دېدى: ئايرودۇرۇمنى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى مالدىۋې بىلەن جۇڭگونىڭ 21-ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىدىكى بەلگىلىك تۈر بولۇپ قالىدۇ.