ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە قائىدىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-16 15:16

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بوشلۇقتا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى كۆپ بولۇۋاتىدۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى

فوتوگراف، بىخەتەرلىك كۆزىتىش، ئۇرۇق چېچىش، ئاپەتنى كۆزىتىش، ئادەم قۇتقۇزۇش ...... ۋەھاكازالار، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بوشلۇقتا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى كۆپ بولۇۋاتىدۇ، بىراق يەنە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىكلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى. كونتروللۇقىنى يوقاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بۇرۇن مەشغۇلاتچى ۋە بىگۇناھ شەھەر ئاھالىلىرىنى يارىلاندۇرغان، يەنە ئاقساراينىڭ چىملىقىغا چۈشۈپ كېتىپ پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلغان.

مۇخبىر يېقىندا نىيۇيورك يېڭى جېرسىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىنستىتۇتىدا زىيارەتتە بولدى ۋە ئىنستىتۇت قۇرغۇچىسى جەمىس بائېنسنى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرۇشىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا نىسبەتەن، قانۇن ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىدا قېلىۋاتىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى 2016-يىلى 21-ئىيۇن تۇنجى كىچىك تىپتىكى خەلق ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان سىستېمىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئېلان قىلدى، كەسىپ ساھەسىدىكىلەر 107 ماددىلىق بۇ باشقۇرۇش قائىدىسى كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكىنى باشقۇرۇشقا كىرگۈزۈلگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى دېدى.

يېڭى قائىدە ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، ئېغىرلىقى 55 قاداق (تەخمىنەن 25 كىلوگرام)تىن تۆۋەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا چەك قويۇلدى. فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئۇچۇش مەقسىتىنى كۆڭۈل ئېچىش ۋە خىزمەتتىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلدى، مەشغۇلاتچى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مۇناسىپ ئۇچۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

بائېنس بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خىزمەتكە ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئۇچۇرۇشتا ئاۋۋال مەشغۇلاتچىنىڭ پىراۋىسى بولۇشى لازىم؛ ئۇندىن باشقا، ئۇچار جىسىم كۆرۈش دائىرىسىنىڭ ئىچىدە ئۇچۇشى، ئۇچۇش ئېگىزلىكى 400 ئىنگلىز چىسى (تەخمىنەن 120 مېتىر)تىن ئېگىز بولماسلىقى لازىم؛ ئايرودۇرۇمنىڭ بەش ئىنگلىز مىلى (تەخمىنەن 8000 مېتىر) دائىرىسىگە كىرگەندىن باشلاپ ئايرودۇرۇمنىڭ باشقۇرۇش مۇنارىغا ئۇقتۇرۇشى لازىم؛ كېچىدە ئۇچۇشقا بولمايدۇ؛ كىشىلەر توپى ئۈستىدە ئۇچسا بولمايدۇ؛ جىددىي ئەھۋال مەيدانىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

شەخسىي كۆڭۈل ئېچىش ياكى مائارىپ مەقسىتىدە ئۇچۇرۇلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا پىراۋا كەتمەيدۇ، مەشغۇلاتچى پەن-تېخنىكا دەرسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولسىمۇ، دېڭىز ساھىلى گۈزەل مەنزىرىنى بوشلۇقتىن تارتىدىغان فوتوگراف بولسىمۇ بولىدۇ.

ئۇچقۇچىلىق پىراۋىسى ئىمتىھانىدا، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسى ئامېرىكىنىڭ «ھاۋا تەۋەلىكى» نەزەرىيەسىنى چۈشىنىشى لازىم. ئامېرىكا ھاۋا تەۋەلىكى A، B، C، D، E، G دىن ئىبارەت ئالتە دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان G دەرىجىلىك ھاۋا تەۋەلىكى قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى لازىم.

G دەرىجىلىك ھاۋا تەۋەلىكى باشقۇرۇپ تىزگىنلەنمەيدىغان ھاۋا تەۋەلىكى بولۇپ، ئامېرىكىدا ئادەتتە باشقا دەرىجىدىكى ھاۋا تەۋەلىكىدىن سىرت يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 4400 مېتىر ئېگىزلىك ئاستىدىكى، رادار قاپلىمىغان، باشقۇرۇپ تىزگىنلەنمەيدىغان بوشلۇقنى كۆرسىتىدۇ.

ھاۋا تەۋەلىكىدە ھەربىيگە ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان، سودىغا ئىشلىتىدىغان ئايروپىلان، شەخسىي ئايروپىلان، ھاۋا شارىنى ئويلىشىپ ئاندىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئويلىشىمىز. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھاۋا تەۋەلىكىدىكى «يول ھوقۇقى» ئاۋۋال ئادەملىك ئۇچقۇغا بېرىلىدۇ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەڭ ئاخىرىغا تىزىلىدۇ.

بائېنس مۇنداق دېدى: ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مەشغۇلاتچىسى ئۇنىڭدىن چوڭ ئۇچقۇنىڭ ھاۋا لىنىيەسىگە تەسىر قىلماسلىقى، ئۇنىڭ ھاۋا لىنىيەسىدىن يىراق تۇرۇشى لازىم.

باشقۇرغۇچى تارماقلار ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ فېدېراتسىيە ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بەلگىلىگەن «ئۇچۇش چەكلەنگەن رايون»غا كىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەقلىي يانفونغا قوللانما پىروگرامما B4UFLY (بىفور يۇ فىلاي)نى ئىشلەپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسىنىڭ ئۇچۇرۇشتىن بۇرۇن ھاۋا تەۋەلىكىنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق ياراتتى. مەسىلەن نىيۇيوركتا، ئايرودۇرۇم كۆپ بولغانلىقتىن ۋە تىرامپ بىناسى ئۈستىدە ئۇچۇش چەكلەنگەنلىكتىن، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئاساسەن مانھاتتون ئاسمىنىغا كىرەلمەيدۇ.

نىيۇيوركتا ئاساسەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتى قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ھەرجايدا سىمسىز تور سىگنالى، ئېگىز ئىمارەت، دېرىزىنىڭ ئەكس نۇرى ۋە GPS سىگنالى كاشىلىسى بار، مانھاتتوندا ئۇچۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك.

مۇخبىر بائېنسنىڭ ئۇچۇرۇش مەكتىپىدە، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىزىققۇچىلىرىنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە سىناق قىلغىلى كەلگەن سودىگەرلەرنى ئۇچراتتى. كۆپچىلىك ئۇچۇرۇش مەيدانىدا قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى مەشغۇلات قىلىۋاتقانلارنى كۆردى.

گاۋشېڭ گۇرۇھى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، كۆڭۈل ئېچىشقا ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانغا بولغان ئېھتىياج ئۆتكەن ئىككى يىلدا شىددەت بىلەن ئاشقان ۋە يەنىلا زور ئېھتىياج بوشلۇقى بار ئىكەن.

بائېنس مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى تۇنجى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسىنى تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كەسپىي تەرەققىيات كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. سودىغا ئىشلىتىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسىنى تەربىيەلىگەندىن باشقا يەنە، بالىلارغا نۆلدىن باشلاپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قۇراشتۇرۇشنى ئۆگىتىمىز.

بائېنس تەجرىبىسى مول ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان مەشغۇلاتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆتكەن يىلى چىققان ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش قائىدىسىدىن خۇرسەن بولدى. ئۇ بۇنى مۇكەممەل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان باشقۇرۇش قائىدىسىگە قاراپ تاشلانغان بىرىنچى قەدەم دەپ قارىدى.