رەئىس شى جىنپىڭنىڭ باش تېمىلىق نۇقتىدىن «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ يېڭى سېخىمىسىغا نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-17 16:14

«بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش يېڭى سېخىمىسى تەسۋىرلىنىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يۈكسەلدۈرۈشنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى كۆرسىتىپ بېرىلدى.

جۇڭگو يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن ئاتلىنىپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، نىشاننى ھەرىكەتكە، ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇشنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى جەزمەن يېزىپ قالدۇرىدۇ.

مۇنبەر مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى «بىر بەلباغ بىر يول»نى قىزغىن ماختاپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە قۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا تىنچ ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇش، بىر-بىرىدىن ئۆگىنىپ ئەينەك قىلىش، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش يادرو قىلىنغان يىپەك يولى روھىنى چوڭقۇر شەرھىيلىدى. جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى چۇڭياڭ پۇل-مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى خې يافېي مۇنداق دەپ قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ھازىر يەرشارىلىشىشقا قارشى تۇرۇش تۇمانلىرى ۋە نارودنىكلىق ئىدىيە ئېقىمىنىڭ تەسىرى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا يىپەك يولى تارىخىنى بىر قەدەر چوڭ ھەجىمدە بايان قىلدى، بۇنىڭدىن مەقسەت قەدىمكىنى ھازىرقىغا ئەينەك قىلىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا قايتىدىن تۈرتكە بولۇش.

رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا ئېيتقاندەك، بۇ تارىخ ئارىدىن قانچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتۈشىدىن قەتئىينەزەر، تۇنجى قەدەمنى دادىل تاشلاپ، ئالغا قاراپ مېڭىشتا چىڭ تۇرساقلا، ئۆز-ئارا چۈشىنىپ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىدىغان يولغا، بەخت-ئامەت، شاد-خۇراملىق يولىغا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

دۆلەتلىك مەمۇرىي ئىنستىتۇتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ما جيەنتاڭ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ۋە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئەينەك قىلىشتا، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇمىيلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يەرشارى تەقدىرىنى ئەلا بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يەرشارى ئاممىۋى مەھسۇلاتلىرىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىشكە تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

قۇرۇق گەپ قىلماي ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىش - «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى. رەئىس شى جىنپىڭ تۆت يىلدىن بۇيانقى سىياسەت ئالاقىسى، ئەسلىھە، سودا، مەبلەغنى راۋانلاشتۇرۇش، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىگەندە، بىر قاتار ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار ۋە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مىسال كەلتۈردى.

بېيجىڭ ماشىنىسازلىق گۇرۇھى «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىغا پائال ئاۋاز قوشقاندىن كېيىن خەلقئارالىشىش ئىستراتېگىيەسى تېزلىشىپ، 47 دۆلەتتە سېتىش تورى شەكىللەندۈردى، چەتئەللەردە تۆت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇردى. باش مۇدىر شۈ خېيى مۇنداق دېدى: ھەرىكەت بولغاندىلا نەتىجە بولىدۇ، بىز «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرگۈچىلىرى بولىمىز.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ئىقتىسادچىسى چېن ۋېنلىڭ مۇنداق دېدى: ئالدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، «بىر بەلباغ بىر يول» دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پەرقلىرىنى بىرىكمە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھاياتى كۈچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ پەسكويلۇقتىن قۇتۇلۇشتىكى مۇھىم موتورغا ئايلىنىدۇ.

تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ باش ئاچقۇچى. بىر جەھەتتىن يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش، يەنە بىر جەھەتتىن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، تارىخ بىلەن رېئاللىقنىڭ گىرەلەشمىسى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۇزاققىچە كۈچلۈك تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات قىممىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىدۇ.

ئىسپانىيە جۇڭگو سىياسىتىنى كۆزىتىش تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: بارغانسېرى كۆپ ئەمەلىيەت شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي خەرىتىسىنى ئۆزگەرتىش، يەر شارىلاشتۇرۇش تەرەققىيات يېڭى قېلىپىنى ئېچىش غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.

مۇنبەرگە قاتناشقان چېخ زۇڭتۇڭى زېمان مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول»نى قوللاش چېخنىڭ ئۇزاققا نەزەر تاشلىغان قارارى، چېخ ھازىر قاتنىشىۋاتقان تۈرلەر گەرچە ئۇنچە زور بولمىسىمۇ، ئەمما بىر تال شام بىر ئېغىز ئۆينى يورۇتالمىغان بىلەن، نەچچە يۈز تال شام تەڭ يىقىلسا يېتەرلىك يورۇقلۇق چىقىدۇ.

«بىر بەلباغ بىر يول»نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيلىك يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كەلگۈسى «بىر بەلباغ بىر يول» بەرپا قىلىش ئۈمىدى.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ۋاڭ يىگۈي مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتتىكى يەر شارىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قاراتمىلىققا ئىگە، ئىنسانىيەت تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش بولۇپ يەر شارى ئۈچۈن تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئېچىپ بەردى.

شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا كەسىپ، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تەمىنلەيدىغان يېڭى تەرەققىيات پۇرسەتلىرىنى تەھلىل قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى نۇقتىلىق شەرھلەپ بەردى.

بۇنىڭدىن يوۋكې ئىشخانا شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ماۋ داچىڭ ئىنتايىن ئىلھام ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كۆپ ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش قېلىپى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللارنى ياراتتى، بىز ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ئارقىلىق، خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى پۇرسىتىنى پائال يارىتىپ، ھەم ئەلا نەتىجىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھەمكارلىق «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى بىر چوڭ تېما. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىز كۆپ قاتلاملىق ئادىمىيەت ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يوللىرىنى ئاچىمىز.

تەرەققىي تاپقان بىر قانچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى مۇنبەردە كۈچلۈك ھەمكارلىشىش ئۈمىدىنى بىلدۈردى، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى مالىيە ۋەزىرى خادمون مۇنداق دېدى: ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا نۇرغۇن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بار. ئەنگلىيە ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ «تەبىئىي شېرىكى»، تەشەببۇستىكى پىلانلارنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مۇنبەر مەزگىلىدە، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكتە «بىر بەلباغ بىر يول» سودىنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇسىنى، ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئىنكاسلىرىغا ئېرىشتى.

مۇنبەرگە قاتناشقان خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى لاگاردى سۆزىدە مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە كىشىلەر «نەق پۇلسىز تۇرمۇش» كەچۈرەلەيدۇ، ئەمما بېنگال، كېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېلېكتىرونلۇق چىقىمدا يەنىلا زور تەرەققىيات بوشلۇقى بار. يەر شارىلاشتۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەشكىلاتىمىز يەر شارىنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە نامراتلارنى ئازايتىشىغا تېخىمۇ مەدەت بېرىش ئۈچۈن، كونكرېت رامكا تۈزۈپ «بىر بەلباغ بىر يول» سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، ئىقتىسادنى بىرىكتۈرۈش، تەڭ تەرەققىي قىلىش، نەتىجىلەرنى تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو ھۆددىگە ئالغان كېنىيە مومباسا-نايروبى تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشى مۇمكىن. مۇنبەرگە قاتناشقان كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتتا بۇ ھەقتە توختىلىپ: بۇ يۈز يىلدىن بۇيان كېنىيەدە ياسالغان تۇنجى تۆمۈريول بولۇپ، دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن ئىچكى قىسىمدىكى رايونلارنى تۇتاشتۇرۇپ، ئافرىقا قۇرۇقلۇقى بىلەن بىر بەلباغ بىر يولنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، دېدى.

يول ئوخشاش بولسا قەلب يېقىنلىشىدۇ، قەلب يېقىنلاشسا كۈچ بىرىكىدۇ. شاڭخەي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جەن مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا پىلان تۈزۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، كىشىلەر كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتمەكتە؛ ئەستايىدىل بولۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدىغان سەھنە ۋە تۈرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلگەچكە، بىر بەلباغ بىر يول بويىدىكى ئەللەر خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچەيمەكتە.

ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك نەتىجىلەر ناھايىتى مول، كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئىستىقبال ناھايىتى پارلاق. رەئىس شى جىنپىڭ نۇتۇقىدا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىشتىن زور مەبلەغ بىلەن قوللاشقىچە، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكىچە، يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويۇشتىن مۇنبەردىن كېيىنكى ئالاقە مېخانىزمى بەرپا قىلىشقىچە بولغان بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭ تەكىتلىگەن ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا كۆرۈش جۇغراپىيەلىك كۈچ سىنىشىشنى قايتا تەكىتلەيدىغان كونا قاراش بولماستىن، ئەكسىچە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان چوڭ ئائىلە قۇرۇشتۇر؛ باشقىلارنى زورلاش بولماستىن، ئەكسىچە ئەمەلىي ھەمكارلىشىشتۇر.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرىس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ يۆلىنىشى بىردەك، بۇ ئىقتىسادنى يەرشارىلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، كەڭ قورساق بولۇش، ئىناق تەرەققىي قىلىشقا پايدىلىق، ھازىر دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن خىرىسلارنى خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئەھمىيىتى زور.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ نۇتقىدا، بىر قاتار سان-سىپىرلار كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدۇ: يىپەك يولى فوندىغا 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ كۆپەيتىپ بېرىلىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارغا 60 مىليارد يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا 2500 ئادەم قېتىم ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ قىسقا مۇددەتلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتىگە قاتنىشىشى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ... ...

جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يى گاڭ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ تولۇق مەبلەغ يىپەك يولى فوندىنىڭ پىشاڭلىق رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەر بايلىقى ۋە خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ مەبلىغىنى تېخىمۇ ياخشى قوزغىتىپ، يول بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سودا مەبلەغ ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى نەتىجىسىدىن بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

رەئىس ش جىنپىڭ نۇتۇقتا «بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر تامچە-بىر تېمىملاپ نەتىجە چىقىرىش» دەپ تەكىتلىدى. ئەمەلىي ئىش قىلىش ئاساسىدا يولغا قويۇشنى كۈچەيتكەندە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەرەققىي قىلىدۇ ۋە زورىيىدۇ.

جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزى ئۇچۇر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ھەمكارلىق تەدبىرى ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىلنى، ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۇزۇن مەزگىللىك ئۈنۈمنى كۆزلەيدۇ، بۇلار چىدامچانلىق بىلەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغان چوڭ ۋەزىيەتكە موھتاج، بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش، ئۇزۇن مەزگىللىك مەنپەئەتنى بۇزۇپ قويىدۇ.

بۇ ئۇلۇغ ئىشلار، ھەم ئۇلۇغ ئەمەلىيەت.

يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەت ئالاقىسىنىڭ ئارزۇسىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تىنچلىققا تەلپۈنۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى قوغلاپ، ياخشى تۇرمۇشقا ئىنتىلگەندە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى دۇنياغا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ بەخت يارىتىدۇ. يوللار تۇتاشقان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى نۇرلاندۇرغان شۇ كۈنلەر ھامان كېلىدۇ.