باي دۆلەتلەردە بەشتىن بىر قىسىم بالا نامراتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرمەكتە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-19 15:14

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىندىكى دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە، كىرىمى بىر قەدەر يۇقىرى 41 دۆلەتتە تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم بالا نامراتلىقتا تۇرمۇش كەچۈرىۋېتىپتۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيە بىلەن شىمالىي ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى نىسبەتەن ياخشى ئىكەن، ئامېرىكا، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ناچار بولۇپ، ئارقىغا تىزىلغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى يېقىندا جەنۋەدە ئېلان قىلغان بۇ دوكلاتقا قارىغاندا، تەتقىقاتچىلار ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى 41 دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، مائارىپ، روھىي ساغلاملىق، ئىسپىرتنى قالايمىقان ئىشلىتىش، ئىقتىسادىي پۇرسەت، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردىن ھەر قايسى دۆلەتلەرگە نومۇر قويغان.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %21 بالا نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. «ئۇنىۋېرسال رەت تەرتىپى» دىن قارىغاندا، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە گېرمانىيە رەت تەرتىپىدە ئالدىغا تىزىلغان، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، چىلى ئارقىغا تىزىلغان. يېڭى زېلاندىيە 34-، ئامېرىكا 37-بولغان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى بالىلار تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سارا.كۇك مۇنداق دېدى: بۇ دوكلاتتا كىرىم بىر قەدەر يۇقىرى بولسىلا ھەر بىر بالىنىڭ ياشاش شارائىتىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى ئايان بولدى. بارلىق دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى ھەرىكەتكە كېلىپ، باي-نامراتلىق پەرقىنى ئازايتىپ، ئىلگىرىلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق بالىلار ئارىسىدىكى نامراتلىق نىسبىتى %30 كە يېقىنلىشىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان. نامراتلىق، ئاچارچىلىق، مائارىپ ۋە كىرىم تەكشىسىزلىكىگە نومۇر قويۇشتا، ئامېرىكا ئېرىشكەن نومۇر بىر قەدەر تۆۋەن ئىكەن.

دوكلاتتا قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ روھىي ساغلاملىقى جەھەتتە ئېرىشكەن نومۇرى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. يېڭى زىللاندىيەدە 15 ياشتىن 19 ياشقىچە بولغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆلۈۋېلىش نىسبىتى دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا بولۇپ، بۇ قېتىم تەكشۈرۈلگەن دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.

دوكلاتتىن يەنە مۇنۇلار ئايان بولدى: 3-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە ياپونىيەنىڭ نامرات بالىلار ئائىلىلىرىنىڭ كىرىم جەھەتتىكى تەكشىسىزلىكىنى ھەل قىلىش جەھەتتىكى ئىپادىسى ياخشى ئەمەس ئىكەن، بالىلار ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى ۋە ئالاقىدار باج سىياسىتى جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىرى كەمچىل بولۇپ، 41 دۆلەت ئارىسىدا 32-ئورۇنغا تىزىلغان. توكيو پايتەخت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامراتلىق مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى بۇ ھەقتە توختىلىپ: ياپونىيەدە تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قېيىن، دېدى.

ياپونىيە ئەمگەك ۋازارىتى بالىلارنىڭ نامراتلىق مەسىلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ بالىلارنىڭ نامراتلىق نىسبىتىنى يەنى نامرات ئائىلىلەردىكى 18 ياشقا توشمىغان بالىلارنىڭ نىسبىتىنى قەرەللىك ئىستاتىستىكا قىلغان. بۇ ۋازارەتنىڭ ئايرىش ئۇسۇلى بويىچە، «نامرات ئائىلىلەر» كىرىمى پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدىغان ئائىلىلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

ياپونىيە ئەمگەك ۋازارىتى 2014-يىلى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2012-يىلى ياپونىيەدە نامراتلىق نىسبىتى %16.3 كە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.