ئامېرىكا ئەمدى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قارشى ئالمامدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 10:55

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىچكى خەۋپسىزلىك باھانىسى بىلەن كۆچمەنلەر سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭىتقاچقا، سانى ناھايىتى زور چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ زەربىگە ئۇچرىدى. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى»نىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىچكى خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى»نى كۈچەيتىش ئۈچۈن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلاردىن تۇرۇش ئىجازىتىنى ھەر يىلى قايتىدىن ئىلتىماس قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان پىلان تۈزمەكتىكەن. بۇندىن باشقا، H-1B ۋىزىسى ئىسلاھاتى ۋە «ساياھەتنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»مۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار دۇچ كېلىدىغان ئەڭ ئېغىر خىرىس ئىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى بۇ پىلاننىڭ تۈزۈلۈش باسقۇچىدا ئىكەنلىكى، يەنە قانۇن تۈزۈش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش كېرەكلىكى، پۈتكۈل جەريانغا 18 ئاي، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ھەمدە بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىش، دېگەن. تەنقىد قىلغۇچىلار مۇنداق دېدى: بۇ پىلان ئىلتىماس قىلىش ۋە تەستىقلاش يۈكىنى زور دەرىجىدە ئېغىرلىتىۋېتىپ، ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدۇ، ئاخىرىدا نۇرغۇن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كۆچمەنلەر سىياسىتى تېخىمۇ بوشراق كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىدۇ.

بۇ ئىش ئامېرىكىدا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكا دۇنيادىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ دۆلەت، ئامېرىكىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلار ياراتقان ئىقتىسادىي كىرىمدە رېكورت يارىتىلغان. ھازىر ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن 20 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ %7ى چەتئەللىك. چۈنكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان ئوقۇش ھەققىنى ئازايتىش، كەچۈرۈم قىلىش تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولمايدۇ، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلىلا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىغا 35 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىپ بەرگەن.

ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر مىليون 400 مىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىنىڭ %77ى ئاسىيادىن بارغان، جۇڭگو بىلەن ھىندىستان ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ ئوقۇغۇچى بارىدىغان دۆلەت. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى 362 مىڭ بولۇپ بىرىنچى ئورۇندا، ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچى 207 مىڭ بولۇپ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما ھىندىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولماقتا؛ كورېيەلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈچىنچى ئورۇندا بولۇپ، 71 مىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچى 56 مىڭ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئازىيىپ كەتتى. رايونلار بويىچە قارىساق، كالىفورنىيە ئىشتاتىدا 200 مىڭدىن ئارتۇق چەتئەللىك ئوقۇغۇچى بار، ئامېرىكا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا، نىيۇيورك ئىشتاتى بىلەن تېكساس ئىشتاتى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئالىي مەكتەپلەردىن قارىساق، نىيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتىدا چەتئەللىك ئوقۇغۇچى ئەڭ كۆپ، ئۇندىن قالسا جەنۇبىي كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى.

باش ئورگىنى نىيۇيوركقا جايلاشقان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات خەلقئارا مائارىپ تەتقىقاتخانىسى مۇنداق دېدى: بۇ پىلان يولغا قويۇلسا، ئامېرىكىنىڭ يەرشارى مائارىپىدىكى باشلامچىلىق ئورنىغا زەربە بولۇپ، نۇرغۇن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كانادا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە كېتىدۇ.

ئامېرىكا چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئاممىۋى سىياسەت ئىشلىرى مۇئاۋىن مۇدىرى گىل ۋېلىچ مۇنداق دېدى: ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى تامامەن تەكرار ھەرىكەت، زۆرۈرىيىتى يوق. ئۇ مۇنداق دەپ قارىدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىنىڭ تەھدىتى ئەمەس بەلكى مۇھىم مۈلكى بولۇپ كەلدى، ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ ئالدىراپلا چىقارغان قارارى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلەر جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى پېدرو لىبرو بۇ سىياسەت ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ، دېدى. پېدرو لىبرو بۇرۇن ئوباما ھۆكۈمىتى ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرى ياردەمچىسىنىڭ ياردەمچىسى بولغان، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىچكى خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بىلەن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى ئېغىر تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالىغۇدەك ئادەم كۈچى يوق. بۇندىن باشقا، بۇ پىلان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىلتىماسقا سەرپ قىلغان ۋاقتى ئۆگىنىش ۋاقتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.

يەنە بىر جەھەتتىن، تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان يولغا قويغان «ساياھەتنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى» 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ قىسمەن ئىجازىتىگە ئېرىشكەن، بۇمۇ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقلىق ئوقۇغۇچىلارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. «ساياھەتنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى»دا ئامېرىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئېرىشكەن ئوتتۇرا شەرقتىكى ئالتە دۆلەت ئوقۇغۇچىلىرى چېگرادىن كىرسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، بۇ مەنئى قىلىش بۇيرۇقى مۇسۇلمان دۆلەتلەردىن بارغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەندىشىسى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يېرىم يىلدىن بۇيان، ئىران، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇشنى ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچى تېزدىن ئازايغان، ۋىزا سىياسىتى بوشراق كاناداغا سۇنۇلغان ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى ئىلتىماسى تېزدىن كۆپەيگەن. ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئالىي مەكتەپنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى %38 ئالىي مەكتەپنىڭ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماسى ئازىيىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ھەممىدىن بەك ئازايغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كانادا بۈيۈك بىرىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسىدىكى سىمون فىرازېر ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ يىل چەتئەللىك ئوقۇغۇچىنى %20 ئارتۇق قوبۇل قىلغان.