ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش تەسكە توختىدى، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپادىن ئايرىلىش يولى» ئاستا بولماقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-07-17 15:58

2-نۆۋەتلىك ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى 17-ئىيۇل باشلاندى، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت قىلچە پەسەيگەندەك قىلمايتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېقىندا ئەنگلىيەدىن «ئايرىلىش ھەققى» تۆلەش، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق ئۈچ تەرەپلىك شەرتنى بىردەك قاندۇرغاندىلا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق ئەنگلىيە بىلەن سودا ئورنى قاتارلىق قارالمىلارنى سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرتى«ھەددىدىن زىيادە ئېغىر بولۇپ كەتتى» دەپ ئەيىبلىدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇنىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانۇنىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ھەمدە سۆھبەتتە تەشەببۇسكارلىق ئورۇندا تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان «ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى ئوڭۇشلۇق بولامدۇ يوق؟ سۆھبەتتە قانداق نەتىجە ھاسىل بولىدۇ؟ ئېنىقسىزلىققا تولدى.

«ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسىدىن» باشقا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى مەيدانى ھەققىدىكى ئۈچ ھۆججەتنى ئېلان قىلدى. ئەنگلىيە كادىف ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ۋە قانۇن پىروفېسسورى روجې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇنىڭ ھەممىسى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتىدىكى يېتەكچى ھۆججەت، بۇنىڭ ئىچىدە «ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىش قانۇن لايىھەسى»نىڭ ماقۇللىنىش ماقۇللانماسلىقىدا بەلگىلىك ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ، كەلگۈسىدە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» سۆھبىتى مۇساپىسى ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىشلىرى بويىچە باش سۆھبەت ۋەكىلى بانىيې يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ھەققىنى تۆلەش،، ئەنگلىيەدە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇقىنى قاندۇرۇش ھەمدە ئىرېلاندىيە چېگراسىدىن ئىبارەت ئۈچ قارالمىدا يېتەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا ياۋروپا ئىتتىپاقى داۋاملىق ئەنگلىيە بىلەن سودا ئورنى قاتارلىق قارالمىلارنى كېڭىشىدۇ. بانىيې مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ جەھەت «ئايرىلماس، ئۆز ئارا باغلىنىشلىق» بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق، يەنى ئەنگلىيە بۇ ئۈچ جەھەتتە بىردەك يېتەرلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلسا، ئاندىن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.

«ئايرىلىش ھەققى»نىڭ كونكرېت سوممىسى ھەققىدە گەپ سۆزلەر ئوخشاش بولمىدى. ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبەت ئۆمىكىدىكى يادرولۇق ئەزالارنى زىيارەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەدىن 40 مىليارد فوند ستېرلىندىن 60 مىليارد فوند ستېرلىڭگىچە ھەق ئالىدىغانلىقىنى دەسلەپكى قەدەمدە مۆلچەرلىدى. ئەمما ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئاشكارىلىغان سان بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى. «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 14-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى پارلامېنتقا سۇنغان «پۇل مۇئامىلىنى ھەل قىلىش لايىھەسى» توغرىسىدىكى يازما باياناتىدا مۇنۇلارنى ئېتىراپ قىلدى: ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قەرزدار، بۇ مۇلاھىزىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ ئەنگلىيە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقىقەتنى تۇنجى قېتىم ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيەنىڭ قەرز ئومۇمىي سوممىسىنى تەخمىنەن 100 مىليارد ياۋرو دەپ مۆلچەرلىگەن ئىدى. بىراق، «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ بايانات ماھىيەتلىك يول بېرىش بولماستىن، بەلكى سۆھبەتنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى ياخشىلاش.

ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ سىياسىي ئىشلار مەسئۇل مۇھەررىرى كۇنسىبرگ ئوبزورىدا مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ھەققىدىكى تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيە روشەن يېڭىلدى، ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇلار مەغلۇپ بولدى.

ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تىرىسا ماي مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈپ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان يۆنىلىشكە قاراپ ماڭغاندەك قىلاتتى. پارتىيە ئىچى ۋە تېشىدىكى بېسىمنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ۋە ئەلرايى كەيپىياتىنىڭ داۋالغۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن مەجبۇرىي ئايرىلىش» كېرەكمۇ ياكى «يۇمشاق ئايرىلىش» كېرەكمۇ دېگەن مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىدە تەۋرىنىش بولۇپ، بىر-بىرىگە زىت ئەھۋاللار پەيدا بولدى.

ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى بىردەك بولماسلىقتىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئەنگلىيە جەمئىيىتىدىكى پارچىلىنىش ۋە بۆلىنىش يەنىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەلرايىنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ 1017 ئەنگلىيەلىك ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللاش نىسبىتى 46 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان، 36 پىرسەنت زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى ئەڭ ياخشىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا دەرھال توختىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېپ قېلىش كېرەك دەپ قارىغان، پەقەت 24 پىرسەنت ئاممىلا ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى قوللىغان.

بۇنىڭدىن سىرت ئەنگلىيەلىك نۇرغۇن ئامما ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتىدە باش قاتۇرىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىر تاياقتا ھەيدىگىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىدى. نۆۋەتتە، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئەنگلىيە تاشقى سودىسىدىكى نىسبىتى 50 پىرسەنت ئەتراپىدا، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاران يەتتە پىرسەنت تاۋىرى ئەنگلىيەگە ئېكسپورت قىلىنىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە ھەر كىم خالىغان يولىغا مېڭىش ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىسىز بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بۇنداق غايەت زور بازار ھەمدە سىياسىيدا پايدىلىنالايدىغان مۇھىم دىپلوماتىيە سەھنىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ زىيىنى شۈبھىسىزكى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئېلىشىشتا، ئەنگلىيە قانداق قىلسا ئاندىن تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەتلىنىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ سىناق بولىدۇ.