مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى موڭغۇلدىكى تەبرىكلەش، ھال سوراش پائالىيەتلىرى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-13 15:42

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى تولۇق تاشقان قىزغىنلىق ۋە شاد-خۇراملىق بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا ئېلىپ كەلگەن ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى داۋاملىق ئالغا بېسىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرىمىز.
شىلىنغول ئايمىقى شياڭخۇاڭ خوشۇنى جابىراخۇ كەنتىدىكى 83 ياشلىق موڭغۇل بوۋاي سىرىگۇلىن ئازادە، يورۇق ئۆيدە ئولتۇرۇپ، تېلېۋىزوردىن ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كۆردى، ئۇ يەنە نەۋرە قىزى ئۆگەتكەن ئۇسۇل بويىچە يانفونىنى ئېچىپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى موڭغۇلچە خەۋەرلەرنى كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: كومپارتىيە بولغاچقىلا، 70 يىلدا، يايلاقتا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، مەن بۇلارنى ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەچكە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات، ئۆزگىرىشىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

ئىچكى موڭغۇلدىكى ئۈچ ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم خوشۇنىنىڭ بىرى بولغان ئېۋىنكى ئاپتونوم خوشۇنىدا، ئېۋىنكىلارنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسى سارېن مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيەت كەسپىي ئىجادىيەت باغچىمىزغا كېلىپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىدىن ھال سورىدى، مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، ئېۋىنكىلارنىڭ مەملىكەت بويىچە ئاران 30 مىڭ نوپۇسى بار، لېكىن سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق تەرەپلەردە باشقا نوپۇسى كۆپ مىللەتلەر بىلەن باراۋەر ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئېۋىنكىلارغا غەمخورلۇق قىلدى، بىز بۇنىڭدىن چوڭقۇر مىننەتدار.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇلغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ئۈچۈن يېزىپ بەرگەن «گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن بېغىشلىمىسىنى سوۋغا قىلدى. بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلا ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەڭ زېمىنىغا تارقالدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى بېغىشلىما-ئىچكى موڭغۇل خەلقىگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشكە ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇردى دېدى.

ئىچكى موڭغۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ماركسىزم ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فۇ سوگېن مۇنداق دېدى: بۇ بېغىشلىما كىشى قەلبىگە ئىلھام بەردى، بۇ-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدى، ئۇ-ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنى ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، مەدەنىيەت گۈللەنگەن، چېگرا ئەمىن بولغان، ئېكولوگىيەسى مەدەنىي، ھەر مىللەت خەلقى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگەن گۈزەل ئىچكى موڭغۇل قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ۋەتەن ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى بىرلىكتە ئۈستىگە ئېلىشىغا ھەر ۋاقىت ئىلھام بېرىدۇ.

دۇڭ فەنلى پەن-تېخنىكا باشقۇرۇش ۋە پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، ئۇ 2015-يىلى ئىچكى موڭغۇلغا كېلىپ، باۋتۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى باۋتۇ ماتېرىيال تەتقىقات يۇرتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، سىرەك يەر ماتېرىياللىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش قوللىنىش بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرى-ماڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەرەققىياتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى، بۇ-بىزنىڭ شاڭخەيدىن كەلگەن يېڭىچە تەتقىقات ئورگىنىمىزنى تەسىرلەندۈردى ھەم ئىلھام بەردى. ئىچكى موڭغۇل-جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇلى، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى-جۇڭگونىڭ قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى-جايلار، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ياشىشىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شاڭخەيدىن كەلدۇق، بىز ئىچكى موڭغۇلنىڭ تەرەققىياتىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىچكى موڭغۇلنىڭ 70 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىچكى موڭغۇلنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغىمۇ تەلەپ قويدى. ئىچكى موڭغۇلدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە كادىرلىرى ۋە ئاممىسى يېڭى تارىخىي باشلانمىدا تۇرۇپ، يېڭى روھىي ھالەت ۋە كۈرەش قىياپىتىمىز بىلەن ئىچكى موڭغۇلنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز دېدى.

ئىلگىرى ئىچكى موڭغۇل بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئىقتىسادنى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئۇدا سەككىز يىل مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇشتەك شانلىق نەتىجە ياراتقان ئىدى. ھالبۇكى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرەك بولىدىغان ئامىل، شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئەنئەنىۋى يىرىك ئاشۇرۇش ئەندىزىسى بىر باشقا چىقىپ بولدى، كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش زۆرۈر بولۇپ قالدى.

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۈ شۇۋېن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى كۈندە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش، ئىجتىمائىي يۈزلىنىشنى ئۆزگەرتىشى-بىر يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىك ۋە باشلانمىدا تۇرماقتا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تىلىكى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدىنى ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن قايتىدىن ئاتلىنىپ، غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.