قانۇنسىز كۆچمەنلەر بېلگىيەدىكى باغچىغا چېدىر تىكىپ ماكانلاشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07 09:34

 

نەچچە يۈز قانۇنسىز كۆچمەن يېقىندا بېلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسسېل شەھەر مەركىزىدىكى بىر باغچىغا چېدىر تىكىپ ماكانلاشتى. جامائەتچىلىك فىرانسىيەنىڭ گالاي ئورمانلىق مۇساپىرلار لاگېرىغا ئوخشاش مەنزىرىنىڭ بىلگىيەدىمۇ پەيدا بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتى 31-ئاۋغۇست خەۋەر بېرىپ مۇنداق دېدى: 4يۈزىدىن 5 يۈزگىچە بولغان قانۇنسىز كۆچمەن يېقىندا بېلگىيەنىڭ ماكسىملىيان باغچىسىنى ئىگىلىۋالدى. بۇ باغچە بېريۇسسېلدىكى بىر ۋوگزال ئەتراپىدا بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ بىناسىغا 15 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدۇ.

قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە ياردەم بېرىۋاتقان دۇنيا دوختۇرلار تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىلەشكۈچىسى جوناتخان خاردىنى مۇنداق دېدى: بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى سۇدان ۋە ئېرىتىرىيەلىك ئىلگىرى بۇ يەرگە توپلىشىۋالغان كۆچمەنلەر ناھايىتى ئاز ئىدى. ئەمما يېقىندا بۇلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىپ كەتتى. 7-ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، بۇ باغچىغا توپلاشقان قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ سانى ئىككى ھەسسە ئاشتى.

خاردىنى مۇنداق دېدى: بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر كېچە-كۈندۈز مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. يېمەكلىك، مۇنچا، داۋالىنىش قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە ئەمەس. بېلگىيە ھۆكۈمىتى ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدى. چۈنكى ھۆكۈمەت: ئەگەر بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ياردەمگە ئېھتىياجلىق بولسا، ئۆزلىرى پاناھلىق تىلەشنى ئىلتىماس قىلىدۇ، دەپ قارىماقتا.

بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تور بېكىتىنىڭ قارشى بويىچە، باش ئورگىنى فىرانسىيەگە جايلاشقان «دۇنيا دوختۇرلار» تەشكىلاتى شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتتىن بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە بىر كۈتۈۋېلىش مەركىزى ئېچىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، رەت قىلىشقا ئۇچرىغان. «بۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بېلگىيە بولماستىن بەلكى ئەنگىلىيەكەن. بېلگىلىيە فېدېراتسىيە كۆچمەنلەر دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى فىلەنكىن بىلگىلىيەدىكى فىرانسىوز تىلى رايونى رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ تۇرۇۋاتقان ئورنى پاناھلىقنى ئىلتىماس قىلىش ئىشخانىسىغا ناھايىتى يېقىن، ئۇ يەرگە بېرىپ پاناھلىق تىلەش تەرتىپى بويىچە ماڭسا بولىدۇ. تەرتىپ باشلانسا، يېمەكلىك، تۇرالغۇغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇلار بۇنداق قىلىشنى تاللىمىدى.

فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر گالاينىڭ ئەتراپى، «ئورمانلىق» دەپ نامى بار مۇساپىرلار لاگېرىغا بىر مەھەل 7مىڭدىن 10مىڭغىچە مۇساپىر ۋە قانۇنسىز كۆچمەن يوپۇرۇلۇپ كىرگەنىدى، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن كىشىلەر ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتۈپ ئەنگلىيەگە كىرمەكچى بولغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرى «ئورمانلىق» مۇساپىرلار لاگېرىنى تازىلىدى.

ماكسىملىيان باغچىسىغا جايلاشقان قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئىچىدە بىر قىسىم كىشىلەر تاقىۋىېتىلگەن «ئورمانلىق»مۇساپىرلار لاگېرىدىن كەلگەن، قالغانلىرى فىرانسىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر دۇنكىرىك ياكى ئىتالىيەدىن كەلگەن.

«دۇنيا دوختۇرلار» تەشكىلاتى بېلگىلىيە شۆبىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسى پىئىر ۋىربىلون مۇنداق دېدى: فىرانسىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش سىياسىتى كەمچىل بولغانلىقتىن، قانۇنسىز كۆچمەنلەر بېلگىيەگە بېرىپ تەلىيىنى سىناپ باقماقچى بولدى. ئەگەر بېلگىلىيە ھۆكۈمىتى تەدبىر قوللانمىسا، قىش كىرگەندە ماكسىملىيان باغچىسىغا يوپۇرۇلۇپ كېرىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر سانى ھەسسىلەپ ئېشىشى مۇمكىن.