ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سۆھبىتىدە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-07 09:35

 

تۆت كۈن داۋاملاشقان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتى 31-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن بېلگىيەنىڭ بېريۇسسېلدا ئاياغلاشتى. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا نۇرغۇن يادرولۇق مەسىلىلەردە بىرلىككە كېلىش تەس بولغان ئىختىلاپ كۆرۈلگەنلىكتىن، بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: سۆھبەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتنى چۆرىدىگەن تىركىشىشى تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، لېكىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن كەلگەن بېسىم ئىككى تەرەپنىڭ قىسقا ۋاقىتتا مۇھىم مۇرەسسەلىشىشىنى ناھايىتى تەسلەشتۈرۈۋەتتى، بۇ خىل كېلىشكىلى بولمايدىغان قاتمال ھالەت يەنە بىر مەھەل داۋالىشىشى مۇمكىن. بىراق سۆھبەتنى كەينىگە سۈرۈش ئىككىلا تەرەپكە پايدىسىز.

بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى بويىچە باش سۆھبەت ۋەكىلى مېشىل بانىيې مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك سۆھبەتتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش بولمىدى، ئايرىلىش ھەققى، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ھەمدە نوقۇل بازار قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپنىڭ بىر قەدەر چوڭ ئىختىلاپى بولغانلىقتىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش بولمىدى.

بىراق، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ قۇرۇقلۇق چېگراسى مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپ بەزى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. دەيۋسىنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە، ئىككى تەرەپ ئەنگلىيەنىڭ مەيدانىغا ئالاقىدار ھۆججەتنى ئاساس قىلىپ ئورتاق ساياھەت رايونىنى ساقلاش، "شىمالىي ئىرېلاندىيە تىنچلىق سۆھبىتى" قاتارلىق مەسىلىلەردە ياخشى كېڭەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چېگرا خادىملىرىنىڭ ھوقۇقى، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ ھازىرقى بىر-بىرىنىڭ چېگرا دائىرىسىدىكى بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك داۋالاش كاپالىتى ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىق كونكرېت مەسىلىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

تەھلىلچىلەر ئىككى تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپى ئاساسلىقى مۇنداق ئىككى نۇقتىدا كۆرۈلىدۇ دەپ كۆرسەتتى: 1-، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىككى تەرەپ ئالدى بىلەن بۇرۇنقى ئىشلارنى ھەل قىلىشى، ئاندىن كەلگۈسىگە يۈزلىنىشى كېرەك، يەنى ئايرىلىش ھەققى، پۇقرالار ھوقۇقى قاتارلىق يادرولۇق مەسىلىلەردە يېتەرلىك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان ۋە ئۆز-ئارا ئىشەنگەندىن كېيىن ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى باشلىشى كېرەك؛ بىراق ئەنگلىيە ئىلگىرىكى ئىشلار ۋە كەلگۈسى ئىشلاردا نۇرغۇن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان مۇناسىۋەت بار، ئالاقىدار سۆھبەتنى تەڭ ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى. 2-، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى نوقۇل بازار مەسىلىسىدە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئالاقىدار قانۇن نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىغا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇستەقىل تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، دېگەندە چىڭ تۇردى. ئەمما ئەنگلىيە ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلچىمى ۋە بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇشنى، يەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن نىزاملىرىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا ئۆزلۈكىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى. بانىيېنىڭ قارىشىچە، بۇ ئورۇنلاپ بولغىلى بولمايدىغان ۋەزىپە، چۈنكى سىز نوقۇل بازار سىرتىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ باشقا قائىدە نىزاملارغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئىككى تەرەپنىڭ مەيدانى يىراق بولغاندىن باشقا، ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بېسىممۇ ئىككى تەرەپنىڭ پۇتىنى كۈشەپ قويدى. ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەدىن باشقا 27 ئەزاسىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىردەك، ئىچكى قىسىمدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش ساداسى كۈچلۈك. گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى گابرىئېل 30-ئاۋغۇست: ئىتتىپاقلىق ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، ياۋروپا بىلەن بىرگە ئىلگىرىلىمەسلىك روشەن سىياسىي خاتالىق، دېدى.

ئەكسىچە ئەنگلىيە، گەرچە 15-ئاۋغۇستتىن بۇيان مەيدانىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ھۆججەتلىرىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش لۇشيەنى توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلار يەنىلا ئۈزۈلمىدى. 27-ئاۋغۇست ئۆكتىچى لىبورىستلار پارتىيەسىنىڭ ئىپادىسىدە ناھايىتى زور بۇرۇلۇش بولۇپ، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا ئالدىرىماسلىقنى ئاشكارا قوللىدى، بۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم لۇشيەن ماجىراسى يۈز بەردى. ئەنگلىيەدىكى سىياسىيونلار يەنە ۋاقىتنى تەڭشەشكە موھتاج، زادى قانداق لۇشيەن ھەم ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ ھەم ئۇلارنىڭ سايلام بېلىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇنى بىلىۋېلىشتىن بۇرۇن مۇرەسسەلىشىش قەتئىي نىيىتىگە كېلىشى ناھايىتى تەس.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىكى ئىختىلاپى كەسكەن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن مەقسەت قارىشى تەرەپكە بېسىم ئىشلىتىپ، ئەڭ زور مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش. ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپنىڭ ئىشنى كەينىگە سۈرگۈسى يوق.

ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش سۆھبىتى زور ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر كەينىگە سۈرۈلۈپ ھەل قىلىنمىسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ۋە ئاممىۋىي ئىشەنچلىك كۈچىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسىمىدا غايەت زور مالىيە ئىسراپچىلىقى پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئىچكى قىسىمدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈشتىن خەۋپى بار.

ئەنگلىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ ئىستىقبالىدىكى ئېنىقسىزلىق ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىغا يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەينىگە سۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلمىغاندا كارخانا، پۇقرالار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان ئىشەنچىسىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن، يەنە سىياسىي، ئىجتىمائىي ساھەلەردىكى زىددىيەت ۋە ئىختىلاپنى كۈچەيتىۋېتىدۇ، ئويلىمىغان تېخىمۇ كۆپ قارا ئاققۇ ۋەقەلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ئۇندىن باشقا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى كەينىگە سۈرۈلۈپ ھەل بولمىسا يەنە يەر شارى ئىقتىسادىغا ئېنىقسىزلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر كۆزىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسا ماينىڭ 30-ئاۋغۇستتىن باشلاپ ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇشىدىكى ئاساسلىق مەقسەتلىرىنىڭ بىرى- ياپونىيەنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مەسىلىسى ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئەركىن سودا رايونى سۆھبىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قالارمۇ، دېگەن ئەندىشىسىنى تۈگىتىش.