پۇتىن، ئابې شىنزو، مۇن جەئىن يېرىم ئارال مەسىلسىىنى مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-09 16:14

 

رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو، كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جەئىن قاتارلىق رەھبەرلەر 7-سېنتەبىر ۋىلادىۋىستوكتا رۇسىيە ئۆتكۈزگەن شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتناشتى. مۇنبەرگە قاتناشقاندىن باشقا، رۇسىيە، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك ئالماشتۇرۇش، چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى، زېمىن مەسىلىسى، رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقنى ئېچىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

مۇبەر 6-سېنتەبىر باشلاندى، پۇتىن ئالدى بىلەن مۇن جەئىن بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى تەرەپ چاۋشيەننىڭ يادرو پائالىيىتىنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇن جەئىن 7-سېنتەبىر مۇنبەردە مۇنداق دېدى: مەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئېيتىمەنكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا ئۇرۇش بولمايدۇ، پۈتكۈل رايوندا تېخىمۇ شۇنداق.

ئابې شىنزو 7-سېنتەبىر ئەتىگەندە مۇن جەئىن بىلەن سۆھبەتلەشتى، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق بولغان چاۋشيەننى جازالاش قارارى ماقۇللىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى. ئابې شىنزو شۇ كۈنى كەچرەك پۇتىن بىلەن ئۇچراشتى، سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئۇ تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا رايون خىرىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئاساسلىق قارالمىسى دېدى.

مون جەئىن بىلەن ئابې شىنزو چاۋشيەننى جازالاشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، پۇتىن: جازالاش مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ، دېدى، ھەرقايسى تەرەپلەر سوغۇققان بولۇپ، يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى ھەمدە كورېيە بىلەن ياپونىيە رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە كېڭىشىپ بېكىتكەن يول خەرىتىسىنى تەپسىلىي چۈشىنىشى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى، كېرەك دەپ تەكلىپ بەردى.

شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ مەقسىتى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش. لېكىن ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق تېمىلاردا كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇردى، رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئىقتىساد مەسىلىسىنى قاپلىدى.

رايون بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىن باشقا، كورېيە، ياپونىيە ۋە رۇسىيە ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا موھتاج. ئابې شىنزو بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن پايدىلىنىپ، رۇسىيە بىلەن بولغان زېمىن ماجىراسىنى ھەل قىلىشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلدى. ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى 2012-يىلى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيان، رۇسىيەگە قارىتا ئىجابىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ، زېمىن مەسىلىسىدە مەلۇم بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

مون جەئىن تەختكە چىقىپ 4 ئاي بولۇپلا رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى، بۇ ئۇنىڭ كورېيە رۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش بېكىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. مۇنبەردە ئۇ رۇسىيە بىلەن ئىستىراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى ھەمدە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، پۇتىن رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن خېرىدار چاقىرىدىغانلىقى، مەبلەغ جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مون جەئىن، ئابې شىنزو ۋە باشقا يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرىگە رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا دۇنيا مال ئوبوروت مەركىزى قۇرۇش پىلانىنى تونۇشتۇردى ھەمدە چاۋشيەننى رايون ئىقتىساد ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلدى.

رۇسىيەنىڭ تىرىشچانلىقى جىددىيلىك ۋە قارشىلىشىشنى پەسەيتىشكە، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، سۆزلىشىشنى بالدۇرراق باشلاشقا پايدىلىق، بۇ قارىشى ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، ھەربىي ۋاسىتە ئۈنۈملۈك تاللاش ئەمەس، ھە دەپ جازالاش تۈپ چىقىش يولى ئەمەس.

كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى پەيسەيتىپ، ماجىرانى تۈگىتىشى ۋە ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئىككى كۈن داۋاملاشتى، جۇڭگو، ھىندىستان، ياپونىيە، چاۋشيەن، كورېيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 3500دىن ئارتۇق ۋەكىل مۇنبەرگە قاتناشتى. ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيە 2015-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى يىراق شەرق رايونىدا شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى ئۆتكۈزۈپ كەلدى.

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2016-يىلىدىكى شەرق ئىقتىساد مۇنبىرى 56 دۆلەتتىن كەلگەن 4600دىن سودا، مۇتەخەسسىس ۋە ئىلىم ساھەسى، ئىجتىمائىي ساھەدىكى ۋەكىلنى جەم قىلغان. مۇنبەر ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ئومۇمىي قىممىتى 1 تىرىليون 850 مىليون رۇبلى كېلىدىغان 216 كېلىشىم ئىمزالانغان.