ئامېرىكىنىڭ قورال سېتىش قىلمىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-09 16:42

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 5 سېنتەبىر تىۋىتىردا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ياپونىيە بىلەن كورېيەنىڭ ئامېرىكىدىن ئەڭ ئىلغار قۇرال ياراقلارنى سېتىۋېلىشى زور دەرىجىدە كۆپەيدى. يېقىنقى مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، كورېيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ پوزىتسىيەسىدىن قارىغاندا، كەلگۈسىدە ئامېرىكا بىلەن كورېيە، ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى قۇرال جابدۇق جەھەتتىكى ھەمكارلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ كورېيە بىلەن ياپونىيەگە كۆپلەپ ئىلغار قۇرال سېتىپ بېرىشى، كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چاۋشيەننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشىنى كۈچەيتىشى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ كۆپ مۇقىمسىزلىقلارنى ئىلىپ كېلىدۇ، ھەتتا چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرىۋېتىدۇ.

ئامېرىكا كورېيە بىلەن ياپونىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قوراللارنى سېتىۋېلىشىغا يول قويغاندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەت قانداق قوراللارنى سېتىۋالىدۇ؟

تىرامپ 1-سېنتەبىر كورېيە زۇڭتۇڭى مۇن جەئىن بىلەن تېلېفونلاشقاندا، كورېيەنىڭ قىممىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كېلىدىغان ئامېرىكىدا ياسالغان ھەربىي قورال جابدۇقلارنى سېتىۋېلىشىغا قوشۇلدۇم دېگەن.

كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا، كورېيە بىلەن ياپونىيەگە ئۆزىنىڭ چاۋشيەنگە مۇنتىزىم قۇراللار ۋە يادرو قوراللىرى ئارقىلىق كۆرسىتىدىغان ھەيۋىسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى. كورېيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئامېرىكا دائىم كورېيەگە بومباردىمانچى ئايروپىلانلار ۋە ئاۋىياماتكىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك، دەپ كۆرسەتكەن.

نوپۇزلۇق ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىسى شى جاڭيو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تىرامپ بىلەن مۇن جەئىن تېلېفونلاشقاندا كورېيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى كېڭىشىپ بېكىتتى، بۇ، چاۋشيەننىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە قارىتىلغان. كورېيە كېيىنكى قەدەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ۋە ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈشى مۇمكىن.

ياپونىيە كېيىنكى قەدەمدە ئامېرىكىدىن ئاساسلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى كىرگۈزۈشى مۇمكىن. ماتتىس 6-سېنتەبىر ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئۆزىنىڭ ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ «قالقان» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشىغا پائال تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ياپونىيە ھاۋا قوغدىنىش قىسمى كېلەر قەدەمدە يەنە يەر يۈزىدىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان «ۋەتەنپەرۋەر 3» بەلگىلىك توسۇغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن «PAC-3MSE»نى سېتىۋالىدۇ. ياپونىيە يەنە ھازىرقى ئاپتوماتىك ئاگاھلاندۇرۇش كونترول سىستېمىسىنى ئوڭشاپ، بۇنى «باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا تاقابىل تۇرۇش» ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئىشلەتمەكچى، چۈنكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قويۇپ بېرىش كۆلىمىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى ئادەتتىكى توسىغۇچى ۋاسىتىسىنىڭ ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

تىرامپ 5-سېنتەبىر ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قۇرال جابدۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، چاۋشيەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىرامپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقۇپ قالمايمىز دېدى ھەمدە قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا بېشارەت بەردى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: تىرامپنىڭ كورېيە، ياپونىيەگە تېخىمۇ ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چوڭ تالونى ئارقىلىق، نەچچە مىليارد ھەتتا نەچچە تىرىللىيون ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ چۆنتىكىگە چۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئۇسۇل كورېيە، ياپونىيەنىڭ ھەربىي تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ «ئۇرۇش ئوتى پۇرىقى»نى ئۇلغايتىۋېتىدۇ.

شى جاڭيۆ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ كورېيە، ياپونىيەگە تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قوراللارنى سېتىپ بېرىشى شۈبھىسزكى كورېيە، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئەمەلىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ، كورېيە، ياپونىيە تېخىمۇ كۆپ ئىلغار قوراللارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، قارماققا بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتىكى «جىددىي ئېھتىياجى»نى قاندۇرغاندەك قىلسىمۇ، چاۋشيەننى خالتا كوچىغا كىرگۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن.

جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جازانى كۈچەيتىش ئارقىلىق يېرىم ئارالنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىكىلى بولمايدۇ. رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 6-سېنتەبىر مۇنجىيىن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جازالاش ۋە بېسىم بېرىش بىلەنلا چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.

جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گىڭ شۆۋاڭ 5-سېنتەبىر قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلىش ساداسى ئاساسى ئېقىم بولماقتا. بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنى بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوت ئۈستىگە ماي چاچماستىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاقىلانە ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، سوغۇققان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىدە ھەربىي ۋاسىتە ئۈنۈملۈك تاللاش ئەمەس، جازالاش تۈپ چىقىش يولى ئەمەس.