ئامېرىكا ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىغانلىقىنى بىلدۈردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-09 16:45

 

ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان بۇ دۆلەتتە تۇرۇشلۇق كۆپ دۆلەتلەر بىخەتەرلىكنى قوغداش قىسمىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قسمى ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، ئوباما ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا خاتىمە بېرىپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىملارنى چېكىندۈرۈشكە باشلىدى، بىراق چېكىندۈرۈش ئارقىغا سۈرۈلۈپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سانى ئازايمىدى. يېقىندا تىرامپ ھۆكۈمىتى ئافغانىستانغا قارىتىلغان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى بىر خىل سىياسىي يۈزلىنىش دەپ قارىدى.

ئامېرىكا ئەمەلدارى 6-سېنتەبىر بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئافغانىستانغا 3 مىڭ 500 ئەسكەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەگەر بۇ خەۋەر راست بولىدىغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرىنىڭ سانى تەخمىنەن 14500 كە يېتىدۇ.

ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى رېيتېر ئاگېنتلىقى 6-سېنتەبىر ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر قانچە ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ كۈنى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىس، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دىڭفۇد، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تېللېرسون ۋە دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى كۇستوڭ پارلامېنتنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن يېپىق ئۇچرىشىپ، تىرامپنىڭ ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى دوكلات قىلغان. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ بىر ئەمەلدارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: ماتتىس بېرىلگەن ھوقۇققا بىنائەن 3 مىڭ 500 ئەسكەرنى كۆپەيتمەكچى بولغان.

بىراق، شۇ كۈنى كەچتە، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بىر ئاخبارات ئەمەلدارى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ئەسكەر كۆپەيتىش تېخى مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ، نۆۋەتتە بىز بۇ ئىش توغرۇلۇق بىر نەمە دېيەلمەيمىز دېگەن.

تىرامپ 21-ئاۋغۇست ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى؛ دۆلەتنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلىقىنى، بىراق شۇ يەردىكى تېررورچى ئۇنسۇلارغا زەربە بېرىش كۈچىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى؛ يېڭى ئىستىراتېگىيە رامكىسى ئىچىدە،ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ھەربىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى ۋە ياردەم بەرگۈچى خادىملارنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت بىر قانچە ئاي باھالاش ئىلىپ بارغاندىن كىيىن، تىرامپ ئاندىن سىرتقا ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. بىر قىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: يېڭى ئىستراتېگىيە پەقەت يېڭى بوتۇلكىغا قاچىلانغان كونا ھاراققا ئوخشاش بولۇپ، بىر خىل سىياسىي يۈزلىنىش.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم ئەمەلدارلىرى ئەسكەر كۆپەيتىشنىڭ ئۈنۈمىدىن گۇمانلانغان بولۇپ، سىياسىي مەقسەتتىكى ئەسكەر كۆپەيتىش ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالمايدۇ، شۇ يەرنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە ئامانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشىدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ دەپ ھېسابلىغان.

2001-يىلى،ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تالىبان ھاكىمىيىتىنىڭ 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىغان بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئۆمەر بېن لادىننى يوقىتىشنى باھانە قىلىپ ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئەسكىرىنىڭ سانى بىر مەھەل 100 مىڭدىن ئاشتى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسمىدا سىياسىي بېسىمغا ئۇچرىدى، كۆپلىگەن كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى بەدەل تۆلەيدىغان بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.

2014-يىلنىڭ ئاخىرلىرى، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا بىخەتەرلىككە ياردەم بېرىش قىسمى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى. ئۇندىن كىيىن ئاساسلىقى ئافغانىستاننىڭ ئامانلىقنى ساقلىغۇچى قىسىملىرىنى تەربىيەلەش، تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىن قوللىدى. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سانى 2016-يىلنىڭ ئاخىرلىرى مىڭغا ئازايتىلاتتى، بىراق ئامېرىكىنىڭ سابىق زوڭتوڭى ئوباما كۆپ قېتىم ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلاتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندا قازا قىلغان ئەسكىرىنىڭ سانى 2 مىڭ 300 كىشىدىن ئېشىپ كەتكەن، ئۇندىن باشقا 17 مىڭ ئەسكىرى يارىلانغان.