ھەر قانداق تور قەرز ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-10 17:38

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ توردىكى ھەر قانداق قەرز ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرز پۇل تارقاتماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، زىيارەت قىلىنغان %39 ئوقۇغۇچى ئەتراپىدىكى بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ قەرزى خىلىدىكى پۇل ئارىيەت ئېلىپ باققانلىقىنى ئىنكاس قىلغان. بەزى قانۇنغا خىلاپ قەرز پۇل تارقاتقۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساۋاتلىرى ۋە قانۇنى ئېڭىنىڭ ئاجىزلىقى، تۇرمۇش تەجرىبىسىنىڭ يېتەرسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، قارىغۇنى تار يەردە قىستاپ، يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى يوشۇرۇپ «قىسقا مۇددەتلىك قەرز» قاتارلىق ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويغان. مەكتەپ قەرزى يامان سۈپەتلىك ۋەقەلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ، مەكتەپلەرنىڭ نورمال ئوقۇش تەرتىپىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزمەكتە ھەمدە جەمئىيەت ئامانلىق تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. مائارىپ مىنىستىرلىقى مالىيە مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنجۈن: بۇنىڭدىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەت تور قەرزى سۇپىلىرىنىڭ ساختا تەشۋىقاتىدا، دېدى.

جاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: نۇرغۇن ئاتالمىش تور سۇپىلىرى ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا بۇنداق قەرز ناھايىتى قولايلىق، ناھايىتى ئەرزان، دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە ساۋاتلىرى مول بولمىغاچقا، قەرز پۇل ئالىدۇ، ئاخىرىدا يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرزگە بوغۇلۇپ، قەرزنىڭ ئۆسۈمى ئۆسۈۋېرىدۇ، بەزى ئوقۇغۇچىلار پۇلىنى قايتۇرالمايدىغان ھالغا بېرىپ قالىدۇ. جەمئىيەتتىكى ناچار تور قەرز ئاپپاراتلىرى ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ، مۇشۇنداق ھادىسە پەيدا قىلماقتا.

بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە تەھلىل قىلىشقا قارىغاندا، ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرى ھەر يىلى تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەنلىك مەكتەپ پۇل مۇئامىلىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەيى بولمىغاچ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن يۆتكىلىشچانلىقى يۇقىرى بولغاچ، ئىناۋىتىنى باھالاش قىيىن ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە 100 مىليارد يۈەنلىك بازار 30 مىليون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا تارقاقلاشقان، مۇنتىزىم سودا بانكىلىرى مەكتەپلەردە ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز كەسپىنى ناھايىتى ئاز يولغا قويىدىكەن. مائارىپ تارماقلىرى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەكتەپ تور قەرزىنى ۋاقتىنچە توختىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنتىزىم بانكىلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز بېرىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇل مۇئامىلىسىگە بولغان مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

جاۋ جيەنجۈن مۇنداق دېدى: مەكتەپ قەرز تىجارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ، ھەر قانداق تور قەرز ئاپپاراتلىرىنىڭ مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا قەرز بېرىشىگە يول قويۇلمايدۇ. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ پۇل مۇئامىلىسىگە بولغان مۇۋاپىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇنتىزىم سودا بانكىلىرىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاز سوممىلىق ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشكە ئىلھاملاندۇرۇۋاتىمىز. ئوقۇشىمىزچە، نۇرغۇن بانكىلار، مەسىلەن جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى قاتارلىقلار مۇشۇ تىجارەتنى يولغا قويۇپتۇ. بىز يەنە ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇغۇچىلارغا ئەستايىدىل تەربىيە قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا پۇل مۇئامىلە ساۋاتلىرى تەربىيەسى، ناچار مەكتەپ قەرزىدىن ئاگاھلىنىش تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىنىپ قالماسلىققا يېتەكلەشنى تەلەپ قىلدۇق.