سىياسىيدىكى غەلىتە ئەھۋاللار ياۋروپا دېموكراتىيەسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-11 10:29

بەزى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ياۋروپا ئەللىرىنىڭ دېموكراتىك سىياسىيسى-ئەركىن دېموكراتىيە تۈزۈمىنىڭ پىرى دەپ قارىلىپ چوقۇنۇش دەرىجىسىگە بارىدۇ. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنئەنىۋى ياۋروپا دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە پەيدا بولغان سىياسىيدىكى تۈرلۈك غەلىتە ئەھۋاللار ياۋروپا دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈردى، دېموكراتىك تۈزۈممۇ بۇ سەۋەبتىن بەك گۇمانغا ئۇچرىدى.

بۇ غەلىتە ئەھۋاللارنىڭ بىرىنچىسى-قارىقۇ بېشارىتىنىڭ رېئاللىققا ئايلانغانلىقى. بۇلتۇر 6-ئايدا، ئەنگلىيە ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى، بۇ-جامائەتچىلىك تەرىپىدىن شۇ يىلدىكى بىرىنچى قارىقۇ ۋەقەسى دەپ ئومۇميۈزلۈك قارالدى. گەرچە ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئەنگلىيەدىكى ھاكىمىيەت بېشى ۋە سىرتىدىكى پارتىيەلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش-ئەنگلىيەنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئايان بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخىرقى نەتىجىدە يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەرەپدارلىرى غەلىبە قىلىپ، ئەنگلىيە، ھەتتا ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە نۇرغۇن ئېنىقسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەنگلىيە جامائەتچىلىكى تەھلىل قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى قوللايدىغان نۇرغۇن ئاددىي ئاممىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، رېئاللىقتىن نارازى بولۇش، ئىسلاھاتقا تەلپۈنۈش ئارزۇسى ئۇلارنىڭ ئاچچىق بىلەن ئاۋاز بېرىشىگە سەۋەب بولغان دەپ قارىدى.

52 ياشلىق لىۋېرپۇل ئاھالىسى سىد ئونېل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: ئاۋاز بېرىشتە، مەيلى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدا قېلىشنى تاللاش بولسۇن، مېنىڭچە بىز بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتۇق دەپ قارىمايمىز. لېكىن مەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان ئىش دەپ قارايمەن. راست گەپنى قىلسام، ئەگەر ھازىر 2-قېتىم ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇلۇپ قالسا، مەنمۇ قانداق ئاۋاز بېرىشنى بىلمەيمەن. ئونېلنىڭ بۇ سۆزلىرى دەل ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى تاللىغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

بۇ غەلىتە ئەھۋاللارنىڭ ئىككىنچىسى-ئاددىي سىياسىيونلار ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش شامىلى كۆتۈرۈلدى. بۇ يىل 6-ئايدا مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە چوڭ سايلىمىدا، ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك تۆۋەن قارالغان لېيبورىستلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كوربىن رادىكال سىياسىي تەشەببۇس ھەم ياشلارغا يېقىن تۇرىدىغان رىقابەت تاكتىكىسى بىلەن ئۆز پارتىيەسىنى يېتەكلەپ پارلامېنتتا بىراقلا 262 ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئەسلىدىكىدىن 33 ئورۇن كۆپىيىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنى پارلامېنتتا ئاز سانلىق ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش يەنە ئىنگلىز بوغۇزىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە يۈز بەردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى فىرانسىيە چوڭ سايلىمى مەزگىلىدە، ئەنئەنىۋى پارتىيەلەر كۆرسەتكەن نامزاتلار سايلىغۇچىلار تەرىپىدىن بىر-بىرلەپ شاللىنىپ، ۋاقىتلىق پارتىيە تەشكىللەپ سايلامغا قاتناشقان يېڭى سىياسىيون ماكرون %66 لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلاندى.

ھالبۇكى، سايلىغۇچىلارنىڭ يېڭى سىياسىيونلارغا بولغان ئۈمىدى بەك يۇقىرى بولىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىشىمۇ ئاسانلا يۈز بېرىدۇ. 15-ئاۋغۇست ماكروننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقىنىغا يۈز كۈن بولغاندىكى ئەلرايىنى تەكشۈرۈشتىن ئۇنى قوللاش نىسبىتىنىڭ %36 كە چۈشۈپ قالغانلىقى ئايان بولۇپ، 1995-يىلىدىن بۇيانقى ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى قوللاش نىسبىتىنىڭ چۈشۈشى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر زۇڭتۇڭغا ئايلاندى. بۇ ئاساسلىقى ئۇنىڭ ئەمگەك قانۇنى ئىسلاھاتى، دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى ئازايتىش قاتارلىقلارنى يولغا قويماقچى بولغانلىقىدىن بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارنىڭ مەنپەئەتىنى تەۋرىتىپ قويدى ھەم ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەنپەئەتىگە چېقىلدى. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار 9-ئايدىن تارتىپ كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، ئوتتۇرا، تۆۋەن قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرىمىز، ھۆكۈمەتتىن نارازى بولغان كېچىدە ئۆرە تۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قايتىدىن پارىژ كوچىلىرىدا باشلايمىز دېدى.

بۇ غەلىتە ئەھۋاللارنىڭ ئۈچىنچىسى-نارودنىك كۈچلەرنىڭ ئەۋج ئېلىشى بولدى. نارودنىك سىياسىيونلار يەر شارىلاشتۇرۇش ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇش مۇقامىنى توۋلاش، سىرتتىن كەلگەن كۆچمەنلەرنى چەكلەش قاتارلىق ئەشەددىي ئوڭچىل تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە قېتىملىق چوڭ سايلىمىدا خېلى يۇقىرى قوللاشقا ئېرىشتى. مەسىلەن: فىرانسىيە زۇڭتۇڭ سايلىمىدا، نارودنىكلارنىڭ ۋەكىللىك شەخسى، ئەشەددىي ئوڭ قانات پارتىيە خەلق فىرونتىنىڭ رەئىسى مارىنا لېپېن ئاۋاز بېرىشتە ئىككىنچىلىككە ئېرىشىشتەك نەتىجە بىلەن 2-نۆۋەتلىك سايلامغا كىردى.

گېرمانىيەدە، خەلق فىرونتى بىلەن قېرىنداش بولغان گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسىنى قوللاش نىسبىتى باشقا پارتىيەلەردىن ئېشىپ، بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىتتىپاقلىق پارتىيەسى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ سىياسىي كۈچكە ئايلاندى، تاللاش پارتىيەسى بۇ ئايدىكى سايلامدا فېدېراتسىيە پالاتاسىغا تۇنجى قېتىم كىرىشى مۇمكىن. بۇ يىلقى گوللاندىيە ۋە فىرانسىيە سايلىمىدا، نارودنىك پارتىيەلەر ھاكىمىيەت يۈرگۈزەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە سەل قارىغىلى بولىدۇ.

ياۋروپا ئەللىرىدىكى سىياسىي غەلىتىلىك - سايلىغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەنئەنىۋى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىنىڭ ئازىيىشى، باجنىڭ ئېغىرلىشىشى، كۆچمەنلەرنىڭ كۆپىيىشى، تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ دائىم يۈز بېرىشى سەۋەبلىك ياۋروپا خەلقى ھۆكۈمەتلىرىدىن نارازى بولدى. چوڭقۇر قاتلامدىن قارىغاندا، بۇ خىل غەلىتىلىك غەربتىكى دېموكراتىك سىياسىيسىنىڭ ۋەكىللىك كىرىزىسى ھېسابلىنىدۇ.

بىرىنچىدىن، پۇقرالار ئاساسلىق پارتىيەلەردىن ئۈمىدسىزلىنىشكە باشلىدى، ئەنئەنىۋى پارتىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، دەپ ھېسابلايدىغان بولدى. ئەكسىچە باشقىچە سىياسىينىڭ جەلپ قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشتى. فىرانسىيە دۇنيا گېزىتى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى ئېلان قىلغان ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، زىيارەت قوبۇل قىلغان %57 فىرانسىيەلىك "دېموكراتىيە تۈزۈمى فىرانسىيەدە ياخشى يولغا قويۇلمىدى" دەپ قارىغان، %77 فىرانسىيەلىك "دېموكراتىيە تۈزۈمى فىرانسىيەدە بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتىدۇ" دەپ قارىغان. فىرانسىيەلىكلەرنىڭ بۇنداق تۇيغۇدا بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب "ئەل رايى ۋەكىللىرىنىڭ چىرىكلىشىشى ئېغىر"، بۇنىڭدىن باشقا يەنە "سايلام ئۆتكۈزۈلسىمۇ، ھېچقانداق نەرسە ئۆزگەرمەيدۇ"، "جەمئىيەت ئامانلىقى ناچار"، "خەلقنىڭ تەلىپى ئويلىشىلمىدى"، "ئەل رايى ۋەكىللىرى خەلقكە ياخشى ۋەكىللىك قىلالمىدى" قاتارلىق قاراشلارمۇ سەۋەبچى.

ئىككىنچىدىن، ياۋروپانىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى قارىماققا ناھايىتى ئادىلدەك قىلسىمۇ، ئەمما ئاۋاز بېرىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئۇنىڭ نەتىجىسى تۈزۈم لايىھەسىدىكى مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەنگلىيەنىڭ ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشىنى مىسالغا ئالساق، ياۋروپادىن ئايرىلىشنى قوللايدىغانلار ئاۋاز بېرىش سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرنىڭ %37.8نى ئىگىلەيدۇ. خاۋۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى كېنىس مۇنداق دېدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش شەرتى ناھايىتى تۆۋەن، پەقەتلا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىلا بولىدۇ، ئاز سانلىق كىشىلەر كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ خاھىيىشىنى كونترول قىلالايدۇ. بۇ قېتىمقى ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئەنگلىيەنىڭ دېموكراتىيەسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى.

بەزى ئالىملار ياۋروپا سىياسىيسىغا باشلامچىلىق قىلىش قاتلىمىدىن ياۋروپا خەلقنىڭ نارازى بولۇش سەۋەبىنى ئېنىقلىدى. فىرانسىيەلىك ئىقتىسادشۇناس گادرى مۇنداق دېدى: مۇشتۇمزور سىياسىي، ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە تەشكىلاتلىرى تۈزگەن سىياسەتلەر ھازىرقى كىرىزىسنى پەيدا قىلدى، ھازىرقى تۈزۈم دېموكراتىيە ئۈمىد قىلىدىغان كۆپ سانلىقلارنى قوبۇل قىلىش ۋە كۆپ سانلىقلارغا ئۇقتۇرۇش ئۈنۈمىگە يېتەلمىدى.

ئەمەلىيەتتە، غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزاق بولدى، ھازىر غەرب جەمئىيىتى نۇرغۇن كىرىزىسقا دۇچ كېلىپ، بۇ خىل گۇمانلىنىش تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. فىرانسىيەدىكى داڭلىق خەلقئارا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى داۋىت مۇنداق دېدى: جەمئىيەتنى تىزگىنلەش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر، لېكىن بىز مۇنداق بىر تۇزاققا چۈشۈپ بولدۇق، يەنى غەربلىكلەر غەربنىڭ تۈزۈمى ئەڭ مۇكەممەل، بۇ تۈزۈمنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.

ھالبۇكى، ياۋروپانىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمىدىكى غەلىتىلىك ئالدىدا، ياۋروپالىقلارنىڭ دېموكراتىيەدىكى ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك ئەمەس. فىرانسىيە دۇنيا گېزىتىنىڭ ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، زىيارەت قوبۇل قىلغان %32 فىرانسىيەلىك "باشقا تۈزۈملەر دېموكراتىيە تۈزۈمىگە ئوخشاشلا ياخشى" دەپ قارىغان.