11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش زادى قانداق ئۈنۈملەرنى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 13:48

11-سېنتەبىر ۋەقەسى يۇز بەرگەندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش زادى قانداق ئۈنۈملەرنى ئىلىپ كەلدى؟

ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغان 16 يىلدىن بۇيان بۇ دۆلەتتىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئاخىرلاشماستتىن قايتىدىن كۈچىيىشكە باشلىدى، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى باشلىغان 16 يىلدىن بۇيان زور بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېقىندا ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى تىرامپ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئۇنداقتا، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەن 16 يىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇش زادى قانداق ئۈنۈملەرنى ئىلىپ كەلدى؟

بۇندىن 16 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ نىيۇيوركتا 11- سېنتەبىر يۇز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى پۈتكۈل دۇنيانى تەۋرەتتى، شۇ يىلى، ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى.

16 يىل ئۆتۈن كەتتى، يېڭىدىن قۇرۇلغان دۇنيا سۇدا بىناسى قايتىدىن قەد كۆتۈردى، ھۇجۇم قىلىش ئىلىپ كەلگەن جاراھەتمۇ تەدرىجىي يوقلىشقا باشلىدى، بىراق، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى تېخىچە ئاخىرلاشمىدى. ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا داۋاملىق ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى، ئۇرۇشنىڭ تاكى غەلىبە قىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بىراق، 16 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قانداق ئۈنۈملەرنى ئىلىپ كەلدى؟

11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىپ بىر ئايدىن كىيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھاكىمىيىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى پىلانلىغان بازا تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بىن لادىننى يوشۇردى دېگەننى باھانە قىلىپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىرلەشمە ئارمىيەسىنى باشلاپ ئافغانىستانغا كېرىپ، ئافغانىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى. گەرچە تالىبان ھۆكۈمىتى 2001- يىلى ناھايىتى تېزلا ئاغدۇرۇپ تاشلانغان، بىن لادىن 2011- يىلى ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا بۇ مەيدان ئۇرۇشنى توختاتمىدى.

16 يىل ئىچىدە، ئامېرىكا ئافغانىستاندا ناھايىتى زور روھى ۋە مالىيە چىقىمىغا ئۇچرىدى. 2001- يىلى 10-ئايدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئامېرىكا ئافغانىستان ئۇرۇشى ئۈچۈنلا 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلدى، ئۇرۇشتا قازا قىلىش ۋە يارىلىنىشتەك بەدەللەرنى تولىدى، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئامېرىكىنىڭ 2 مىڭ 200 دىن كۆپرەك ئەسكىرى ئافغانىستاندا قازا قىلدى.

مۇشۇنداق زور بەدەللەرنى تۆلىگەن ئۇرۇش ئاخىرلاشمىدى، ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ ئافغانىستان ئورۇشىدىن چېكىنىپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇنداقتا، قانداق سەۋەبلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرەلمەي، داۋاملىق ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىشىغا سەۋەب بولماقتا؟

ئافغانىستان ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كىيىن، ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى سانى بىر مەزگىل 100 مىڭغا يەتتى. 2011- يىلنىڭ ئاخىرلىرىغا بارغاندا، ئۇرۇش باشلىنىپ 10 يىلدىن كىيىن، ئامېرىكا ئاخىرى ئەسكەر چېكىندۈردى، ئەڭ دەسلەپكى تەسەۋۋۇرغا ئاساسەن، ئارمىيە تەرەپ 2014- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغىچە پۈتكۈل ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ بولماقچى بولغان، بىراق تالىباننىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ زورىيىشىغا ، ھەمدە ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلاتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە: نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا تەخمىنەن 11 مىڭ ئەسكىرى بار ئىكەن، تىرامپ ئافغانىستانغا قاراتقان يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى جاكارلىغاندا كۆپەيتىلىدىغان ئەسكىرىنىڭ كونكرېت سانىنى ئېلان قىلمىدى. بىراق، تاراتقۇلار ئومۇميۈزلۈك، بۇ قېتىم تەخمىنەن 4 مىڭ ئەسكەر كۆپەيتىلىشى مۇمكىن دەپ خەۋەر قىلدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا نۆۋەتتە ئافغانىستاندىن پۈتۈنلەي ئەسكەر چېكىندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئەسكەر چېكىندۈرۈش قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ئەسكەر كۆپەيتىشنى تېزلىتىشتە، بىر تەرەپتىن ئىسلام دۆلىتى ئىراق بىلەن سۇرىيەدە زورايغانلىقتىن ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرسە، تالىباننىڭ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ زورىيىپ، ئافغانىستاننىڭ ئىسلام دۆلىتى كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئورنىغا ئايلىنىپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

ئافغانىستان ئۇرۇشى ئامېرىكىنى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ئۇرۇشقا ئىلىپ كىردى، بۇ مەيدان ئاخىرى چىقمىغان ئورۇشىدىن ئامېرىكىلىق كۆپلىگەن كىشىلەر بىزار بولدى، كىشىلەر 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش يۇز بېرىپ 16 يىلدىن كىيىن، ئامېرىكا تېخىمۇ بىخەتەر بولدىمۇ دەپ قايتا قايتا ئويلانماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گەرچە 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە ئوخشاش بۇنداق چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بىراق كىچىك كۆلەمدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئۈزۈلمىدى. تەنھا بۆرە قاتارلىق يېڭى شەكىللەردىكى ھۇجۇم قىلىش يۈزلىنىشى تېخىمۇ كۈچەيدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەشەددىي ئوڭ قانات تېررورىزممۇ ئامېرىكا زېمىنىدا ئۇزاق مۇددەتتىن بىرى بىر چوڭ تەھدىت بولۇپ كەلمەكتە.

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن بۇيان، ئامېرىكا ئەسەبىي ئىدىيەنى توسۇش جەھەتتە ھېچقانداق ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىدى، بىراق دۇنيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى 11-سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بەرگەن ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.

بۇندىن 16 يىل ئىلگىرى، كىچىك بوش ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى جاكارلىغاندا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكىنىڭ 11- سېنتەبىردىن ئىبارەت بۇ كۈنى، ئەگەر تېررورلۇق تۈگىتىلمەيدىغان بولسا، دۇنيانىڭ مەڭگۈ تىنچ بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇرۇش قوزغاشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، شۇنداقلا چوقۇم غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

16 يىلدىن كىيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تىرامپ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، ئامېرىكىنىڭ نىشانى تېررورچى ئۇنسۇرلارنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشنىڭ تاكى غەلىبە قىلغۇچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئىككى زۇڭتۇڭنىڭ سۆزىدە ئۇرۇشنىڭ غەلىبە قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى، بىراق بۇ راستتىنلا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئارزۇسىمۇ؟. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارغانسېرى كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۇز بېرىشتىن ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، تېررورچى ئۇنسۇرلار ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلىشتا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە بولدى دەپ ھېسابلىدى. ھەر خىل ئەل رايىنى تەكشۈرۈشلەردىن ئايان بولۇشىچە، بۇندىن سىرت، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلاردا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، دىپلوماتىيە جەھەتتە قايتا قۇرۇش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى كەمچىل بولدى. ئافغانىستان ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ سەۋەبتىن ئۇزاق مۇددەت ئىچكى مالىمانچىلىق ۋەزىيىتىگە كېرىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا يەنە ئۇزاق ۋاقىت بار.