قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناىسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 13:55

قاتارنىڭ دىپلوماتىك مۇناىسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەرەب ئەللىرى ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىشكە باشلىدى، قاتارمۇ دىپلوماتىيە جەھەتتە يېتىم قىلىپ، سىرت بىلەن بولغان سودا ئالاقىسى زور دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى. يېقىندا قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرسىدىكى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تېلېفونلىشىپ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى خالايدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە ئۈمىد تۇغۇلغان بولسىمۇ، بىراق ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋەرلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن قايتىدىن قارشىلىشىش ۋەزىيىتى كېلىپ چىقىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىكى ياخشى كەيپىياتلار بىكار بولدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9- سېنتەبىر، قاتار ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلىيەتنى بۇرمىلىغانلىقى ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتار بىلەن بولغان بارلىق سۆزلىشىش ۋە ئالاقىسىنى تاكى قاتارنىڭ بىر ئېنىق بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرغۇچە ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغانلارنى جاكارلىدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇندىن ئىلگىرى قاتارنىڭ ئەمىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى تېلېفونلىشىپ، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناىسىۋىتىنى ئۈزۈش كىرىزىسىنى ياراشتۇرۇشتا بىر ئاز ئۈمىد تۇغۇلغان ئىدى، بىراق ئويلىمىغان يەردىن بۇنىڭدىن يېڭى ئىختىلاپ كېلىپ چىقىپ، پۈتكۈل ۋەقە تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. بىراق، بۇ ئىككى دۆلەتكە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامېرىكا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدا ياراشتۇرۇش ئىلىپ بارغانلىقتىن، ئىككى تەرەپ يەنىلا سۆزلىشىش ئارقىلىق بۇ مەيدان قارشىلىشىش ھالىتىنى تىنچىتىشى مۇمكىن.

قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش دولقۇنى داۋاملاشقىنىغا ئۇچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ھەل بولمىدى. قاتارنىڭ ئەمىرى تامىم بىلەن سەئۇد ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىس مۇھەممەت 8- سېنتەبىر تېلېفۇنلاشقانلىقى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بىراق، سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن قاتار ھۆكۈمەت تەرەپ تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ئىش توغرىسىدىكى خەۋىرى تامامەن ئوخشاش بولمىدى، بۇ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاشكارا باش ئەگمەيدىغانلىقىدەك پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈردى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسەتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاگېنتلىقى تېلېفونلىشىش ئىشى توغرىسىدا: پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەتنىڭ قاتارنىڭ ئەمىرى تامىم بەرگەن تېلېفوننى قوبۇل قىلغانلىقى، تامىم تېلېفوندا، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سۆھبەت ئۈستىلى ئالدىغا كېلىپ سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق تۆت دۆلەتنىڭ تەلىپىنى مۇزاكىرىلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، مۇھەممەتنىڭ تامىننىڭ سۆزىنى قارشى ئېلىشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرايىن ۋە مىسىر بىلەن مۇزاكىرىلەشكەندىن كىيىن سىرتقا تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى ئاشكارلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەھلىلچىلەر، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ خەۋىرىدە، قاتارنىڭ ئالى رەھبىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ 2- نومۇرلۇق رەھبىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېلېفون بەرگەنلىكىگە ۋە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە ، بىراق پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەتنىڭ بۇنى قارشى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىگە دىققەت قىلغان. بۇنداق تەسۋىرلەر كىشىلەرگە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىنىڭ قاتاردىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، قاتارنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يارىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىدەك تەسىر بەرگەن.

بىراق قاتار ئاگېنتلىقى بۇ قېتىملىقى تېلېفونلىشىشنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىسىدا، قاتارنىڭ ئەمىرى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى تېلېفونلاشتى دەپ تەسۋىرلىگەن. تېلېفوندا، ئىككى تەرەپ كىرىزىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، پارس قولتۇقىدىكى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈرگەن ، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ پادىشاھ ۋارىسى مۇھەممەت تېلېفوندا، ئىككى تەرەپنىڭ بىردىن ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن ئۇسۇلدا ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، قاتار ئەمىرى بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن دەپ ئېيتىلغان.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ تەسۋىرلەش كىشىلەرگە، قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئورنىنىڭ تەڭپۇڭ ئىكەنلىكى، بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇپ، ئالاھىدە ئەلچى ئەۋەتىشتەك كونكرېت تەكلىپنى بەرگەنلىكىدە تەسىر بەرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قارىشىچە، قاتار خاتالىقى تۇرۇپ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ، خاتالىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلماستىن، يەنە يالغان خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى پەدەزلىگەن. شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قاتارغا غەزىپى قوزغىلىپ، قاتارنى ئەمەلىيەتنى بۇرمىلاپ، تېلېفوننىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتتى دەپ ئەيىبلەپ، قاتارنىڭ ئېنىق بايانات ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئايدىڭلاشتۇرغىچە، قاتار بىلەن بولغان بارلىق سۆزلىشىش ۋە ئالاقىسىنى ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: بۇ قېتىمقى تېلېفۇنلىشىشتا مەيلى قايسى تەرەپنىڭ تەشەببۇسكار بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ۋەقەنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئېھتىياجىنىڭ ۋە مەقسىتىنىڭ بارلىقىنى كۆرسەتتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە تېلېفونلىشىشنىڭ ئۆزىلا مۇناسىۋەتنى پەسەيتىشنىڭ مۇھىم ئالامىتى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، قاتارنىڭ بىۋاسىتە سۆزلىشىش ئارزۇسى سەئۇدى ئەرەبسىتانىغا قارىغاندا كۈچلۈكرەك. بۇنىڭدا ئاساسلىقى مۇنداق ئۇچ ئامىل بار.

1-: قاتار دىپلوماتىيە جەھەتتە يېتىم قىلىشتەك ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرىغان. 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرايىن ، مىسىر، مالدىۋې، ماۋرىتىئۇس قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئافرىقا ئەللىرىدىن چادمۇ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ، قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى. بىراق سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش، يېتىم قىلىشىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.

2-: ئىقتىسادى زەخىمگە ئۇچرىغان قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىشىغا ئىنتايىن تەقەززا بولدى. قاتار تۇرمۇشتا كېرەكلىك بولغان كۆپ قىسىم بۇيۇملارنى ئىلگىرى سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلاتتى. بۇ دۆلەتلەر قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن كىيىن، ئالاقىدار سودىمۇ ئۈزۈلۈپ قالدى، شۇڭا قاتار پۇقرالىرىنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى زور دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە: دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋە ئىقتىسادى جەھەتتىن قامال قىلىش قاتارغا تەخمىنەن 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى زىيا ئىلىپ كەلگەن.

3-: قاتار ئۆزىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلغان. بۇ قېتىمقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش كىرىزىسى يۇز بەرگەن جەرياندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى تەرەپ كۆپ قېتىم ئۇرۇش تەھدىتى سالدى، سەئۇدى ئەرەبىستانى تاراتقۇلىرى يەنە قاتار بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھەج تاۋاپ قىلىش مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دېدى. ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن، قاتارمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلمىدى.