شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئېكولوگيەنى تۈزەش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-12 15:06

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئېكولوگيەنى تۈزەش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرمەكتە

غەربىي شىمالىي چېگراغا جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ئېكولوگيەنى تۈزەش ۋە ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، 18-قۇرۇلتايدىن بېرى بىڭتۈەن بويىچە 2مىليون 300مىڭ مو سۈنئىي ئورمانلىق ئەھيا قىلىنىپ، 7مىليون مو قۇملىشىپ كەتكەن يەر تۈزىلىپ، قۇم ئادەملەرنى قىستاپ چېكىندۈرۈش ۋەزىيىتى ئاساسەن ئوڭشالدى.

باش كۈزدە تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي بۇرجىكىگە جايلاشقان بىڭتۈەن 14-دىۋىزىيەسىنىڭ گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىدا 50مىڭ مو چىلانلىق مېۋىگە كىرگەن، 20مىڭ مو يېڭىدىن تىكىلگەن ئالمىلىق تازا كۆكلەپ ئاينىغان ئىدى، ھۆددىگەر چيۇ جەنفېڭ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن: مۇھىت ئۆزگەردى، بۇ ئالما كۆچەتلىرى كېلەر يىلى ۋە ئىندىنقى يىلى مېۋىگە كىرىدۇ، بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشالمەن دېدى.

چيۇ جەنفېڭنىڭ ئىشەنچىسى ئەتراپتىكى بوستانلىق توسۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، چاتقاللىق، ئىھاتە ئورمانلىق ۋە ئېتىز ئېرىق ئىھاتە ئورمانلىقى بەرپا قىلدى، يەنە ئورمانلىق ئارىسىدا مېۋىلىك دەرەخ تىكىپ ۋە يۇقىرى مەھسۇلاتلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى بىلەن ئىقتىسادى ئۈنۈمنى تەڭ تۇتتى، دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى تاڭ جىخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئېكولوگىيە بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدۇق، بۇ بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىدىكى ئاساسى يۆنىلىشىمىز.

تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي يانباغىرىدىكى ئىقتىسادى بەلباغقا جايلاشقان بىڭتۈەن 7-دېۋىزىيەسى ئىلگىرى قۇملۇقتا بوز يەر ئېچىشتە شۆھرەت قازانغان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە تېرىلغۇ يەردىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، نەم يەرگە قايتۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مەيدان قۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك شەھەر بازار قۇرۇش ھەممىنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ئالتە يىلدىن بېرى 7-دېۋىزىيە ئورمان ھوقۇقى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتتىكى كۈچلەرنى توپلاپ، 135 كىلومېتىر ئىھاتە ئورمانلىق، 23مىڭ مو شەھەر بازار بوستانلىقى بەرپا قىلدى، بۆز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىدا ئىككى ئورمانلىق باغچىسى، ئۈچ قۇملۇق باغچىسى ۋە بىر دۆلەت دەرىجىلىك نەم يەر باغچىسى قۇرۇلدى، بوستانلىق، ئورمانلىق كۆلىمى 1مىليون 100مىڭ مودىن ئېشىپ كەتتى، بۈگۈنكى كۈندە قۇملۇقنىڭ ئەتراپى ۋە چېگرانىڭ ئالدى گىرۋىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %18.6گە يەتتى، ئۇزۇن يىل ئېكولوگىيەنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان بىڭتۈەن بەشىنچى دېۋىزىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىڭتۈەنلىكلەر ھەم چېگرانى قوغداش مۇھاپىزەتچىسى ھەم ئېكولوگيەنى قوغداش مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يېشىللىق بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداپ، گۈزەل چېگرانى تىرىشىپ ياخشى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.