لى كېچياڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىشى...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-09-13 10:19

لى كېچياڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن يۇمىلاق ئۈستەل سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12-سېنتەبىر بېيجىڭدا ئاساسلىق ئىقتىسادى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن «بىر قوشۇلغان ئالتە» سۆزلىشىشى ئۆتكۈزدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى كىم يۇڭ، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازۋىيدو، خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى لەيد، ئىقتىسادى ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۈرىيا، پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى كېڭىشىنىڭ رەئىسى كارنى سۆزلىشىشكە قاتناشتى.
لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، ئەمما ئاجىز تەرەپلىرىمۇ كۆرۈلدى، مۇقىمسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا بىر قەدەر كۆپ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە سەمىمىي ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

لى كېچياڭ بەش نۇقتىلىق تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى: 1-، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ۋە يەر شارىلاشتۇرۇش چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، خەلقئارا قائىدىگە ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى كېڭىشىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ماكرولۇق ئىقتىسادى سىياسەت ئالماشتۇرۇشى ۋە كېڭىشىشىنى كۈچەيتسەك. 2- قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى زورايتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىساق؛ 3- ئەركىن سودىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىساق. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۈستۈنلۈكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرلەنسە. سودىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى يېپىق شەكىلدە ھەل قىلماستىن بەلكى تېخىمۇ زور سالماقتا ئوچۇق ھالەتتە ھەل قىلىپ، ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ غەلىبە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرسا؛ 4-، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى كەڭ قورساقلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتتىكى ئادىللىق ۋە ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشچانلىقنى ئۆستۈرسەك. جۇڭگو «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ۋە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى جىپسىلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. 5-، پۇل-مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ۋە پۇل-مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، ماكرولۇق ئېھتىياتچان باشقۇرۇش ۋە سىستېمىلىق خېيىم-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتسەك.

لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى مۇرەككەپ مەملىكەت ئىچى سىرتى مۇھىتى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاستىلاش بېسىمى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشتەك ۋەزىيىتى داۋاملىق مۇستەھكەملىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۈردى، دۇنيا ئىقتىسادىغا قوشقان تۆھپىسى %30تىن ئېشىپ، پىشاڭلىق نىسبىتى مۇقىملىق ئىچىدە تۆۋەنلىدى. بىز مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسى رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ئاساسى يۆنىلىشىنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاپ، ماكرولۇق تەڭشەپ كونترول قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار كۆزلىمىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.