مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن بەش يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-11 18:49

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلدى، بەش يىلدىن بېرى تولۇق ئەمەلىيلەشكەن سەككىز بەلگىلىمە ئاستا ئاستا تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، پارتىيە ئىستىلى، خەلق ئىستىلىدا يېڭىلىنىش بولدى.

سۈن بولىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسى زىبو شەھىرى جادىيەن رايونى شياڭرۇي باغچە مەھەللىسىنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى، بۇ كىچىك رايون ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ ياتاق رايونى بولغاچقا بۇ يەردە تۇرىدىغان ئورگان خىزمەتچىلىرى بىرقەدەر كۆپ ئىدى، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئەڭ تەسىر قىلغان بىر ئىش شۇكى ھازىر ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدىغان بولدى، ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى سەھەردە دەرۋازىمىز ئالدىدا ئالاقىدار رەھبەرلەرنى ئالغىلى كەلگەن نۇرغۇن ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى بۇ يەردە تۇرۇۋالغان بولغاچقا شەخسى ماشىنىلار ئاسانلىقچە چىقالماي قىستاڭچىلىق بولۇپ كېتەتتى، ھازىر ھۆكۈمەت ماشىنىلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، شەخسى ماشىنىلارلا قالدى، بۇ ناھايىتى چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى.

لىنزې رايونى شياۋجەي كەنتىدىن ليۇ بىنجې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئەڭ بىۋاسىتە ھېس قىلغىنىم ھازىر كەنتنىڭ كوللېكتىپ ھېساباتىدا كۈتۈۋېلىش ھەققى دېگەن تۈر يوقالدى، مېنىڭچە ئۆزگىرىش ئەڭ چوڭ بولغىنى كەنتتە ھازىر كۈتۈۋېلىش دېگەنلەر يوق، ئىلگىرى يېزا رەھبەرلىرى كەنتكە كەلسە پۇت قوللىرىمىز يەرگە تەگمەي قالاتتى، ھازىر بۇنداق ئىشلار يوقالدى، ئاشكارا ئېلان قىلىنغان كەنتنىڭ قەرەللىك ھىساباتىدىمۇ كۈتۈۋېلىش، تاماق ھەققى دېگەنلەر يوقالدى.

تاماق ئۈستىلىدىكى ئىسراپچىلىق، ماشىنا ئىشلىتىشتىكى چىرىكلىك، بايراملاردا ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش قاتارلىق خەلق ئاممىسىنى ئەڭ بىزار قىلغان ناچار ئىستىللار پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى قەلبىدىكى ئوبرازىغا زور زىيان يەتكۈزگەن ئىدى، مەركەزنىڭ 8 بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، ھەرقايسى تارماقلار فۇنكسىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىستىلدا بۇرۇلۇش ياساشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى قاتارلىق جەھەتلەرنى غايەت زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى، شۇنداقلا بۇ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن تەسىر كۆرسەتتى. تېخى ئەمدىلا توردىكى ئىش بېجىرىش زالىدا قىزىنىڭ تۇغۇلۇش كىنىشكىسىنى بېجىرىپ چىققان ئەنخۇي شەھەر ئاھالىسى گوڭ ۋېنتىڭ مۇنداق دېدى: ئىش بېجىرىش ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، شەھەر ئاھالىلىرى نۇرغۇن ئىشلار ئۈچۈن سىرتلارغا چېپىپ يۈرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى، توردا بىۋاسىتە بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى، بۇ تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ قولاي بولدى.

بەش يىلدىن بېرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن، ئەمەلىي ئىشلاردىن باشلاپ قىلىپ، دۆلەت ئىستىلىنى، تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزى، جياڭسۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بازىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ساۋ مىيەنشۇي مۇنداق دېدى: 8 بەلگىلىمە كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇلدى، سەككىز بەلگىلىمە ئەل قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، سەككىز بەلگىلىمە 2012-يىلىنىڭ ئاخىرىدا چىقىرىلغاندا نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ۋاقىتلىق بولىدۇ دەپ قارىغان ئىدى، ئەمما ئەمەلىيەتتە بەش يىل ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، سەۋەبى ئۇ پۇقرالارنىڭ ھىمايىسىگە، قوللىشىغا ئېرىشتى.