گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتى تەڭشىلىشكە دۇچكەلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 14:11

8-ئۆكتەبىر، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل رەھبەرلىكىدىكى خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن ئۇنىڭ قېرىنداش پارتىيەسى باۋارىيە خىرىستىيان سوتسىيال ئىتتىپاقى 12 سائەت مارافونچە قىيىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ھەر يىلى قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆچمەنلەر سانى توغرىسىدا بىرلىككە كېلىپ، كابىنېت تەشكىللەشكە يول ئاچتى.

خىرىستىيان دېموكراتىك ئىتتىپاقى بىلەن باۋارىيە خىرىستىيان سوتسىيال ئىتتىپاقى بىرلىشىپ «ساپ كۆچمەنلەر» ئۇقۇمى، يەنى مۇساپىرلار، سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر، مۇددەتلىك پاناھلانغۇچىلار، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولغانلار ۋە قايتىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغانلاردىن قايتۇرۇۋېتىلگەنلەر ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن قايتىپ كەتكەنلەرنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن ساپ ئاشقان ساننى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى ئىنسانپەرۋەرلىك يۈزىسىدىن قوبۇل قىلغان ساپ كۆچمەن سانى 200 مىڭدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، سىرتتىن كېلىپ ئەمگەكچىلىك قىلغان كۆچمەنلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى چەتئەل كۆچمەنلىرى بۇ سان چەكلىمىسىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.

ئۇندىن بۇرۇن مۇساپىرلار سىياسىتى بۇ ئىككى ئىتتىپاق ئارىسىدا قارشىلىق قوزغىغان ئىدى. باۋارىيە خىرىستىيان سوتسىيال ئىتتىپاقى مۇساپىرلار سانىغا يۇقىرى چەك قويۇشنى مۇراجىئەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، مېركېل كۆپ قېتىم ئاشكارا رەت قىلغان ئىدى. شۇڭا باۋارىيە خىرىستىيان سوتسىيال ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى خورسىت سىخوفېر مېركېلنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىگە ئاشكارا قارشى تۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلىقتىن چېكىنىمىز، دېدى. بۇ ئىككى ئىتتىپاقنىڭ ساپ كۆچمەنلەر سانىغا چەك قويۇش جەھەتتە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقى شۈبھىسىزكى بۇ ئىككى ئىتتىپاقنىڭ كېيىنكى قەدەمدە يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەش سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە بىر چوڭ توساقنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. مېركېل 9-ئۆكتەبىردىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بۇ ئىككى ئىتتىپاقنىڭ كېلىشىم تۈزگەنلىكى «قالتىس مۇرەسسە» بولۇپ، ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئاساسىنى پۇختىلىدى، دېدى. مېركېل شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن يېشىللار پارتىيەسىنى 18-ئۆكتەبىر كابىنېت تەشكىللەش سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

گېرمانىيە سايلىمىدىن كېيىن، ئىككى ئىتتىپاقتىن تەشكىللەنگەن ئىتتىپاقداش %32.7لىك قوللاش نىسبىتى بىلەن گېرمانىيەدىكى بىرىنچى چوڭ پارتىيەلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى. كۆچمەنلەر ۋە ئىسلاملىشىشقا قارشى تۇرىدىغان گېرمانىيە تاللاش پارتىيەسى ئويلىمىغان يەردىن باش كۆتۈرۈپ، %10.5 ئاۋاز بىلەن گېرمانىيە فېدېراتسىيە پارلامېنتىدا ئورۇنغا ئېرىشكەن تۇنجى ئوڭ قانات پارتىيەگە ئايلاندى. ئىتتىپاقداشلار يەنىلا گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولغان بولسىمۇ، ئاۋاز نىسبىتى ئالدىنقى نۆۋەتتىكى سايلامدىكىدىن 8.5 پوئېنت چۈشۈپ كەتتى. گېرمانىيە تاراتقۇلىرى مېركېلنىڭ بۇ قېتىمقى «ئازابلىق غەلىبىسى»نى «ئىقتىسادتا ئۇتۇپ، مۇساپىرلاردا ئۇتتۇرۇپ قويدى» دەپ چۈشەندۈردى. گېرمانىيە 2015-يىلىدىن بۇيان بىر مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىر قوبۇل قىلدى. ئەنگلىيە جامائەت پىكرى تەكشۈرۈش شىركىتى 6-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ %56تىن كۆپرەكى چېگرادىن كىرگەن مۇساپىرلار ئومۇمىي سانىغا چەك قويۇشنى قوللايدىكەن، %28ى قارشى تۇرىدىكەن.

مېركېل ئەلرايى ۋە سىياسىيدىن ئىبارەت قوش بېسىم ئاستىدا مۇرەسسە قىلىپ، ھازىرقى مۇساپىرلار سىياسىتىنى تەڭشەشكە قوشۇلغان بولسىمۇ، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ ئىجرا قىلىش-قىلماسلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. سايلام نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، سوتسىيال دېموكراتىك ئىتتىپاقى ئىتتىپاقدىشى بىلەن بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەچكە، بىردىنبىر مۇمكىن بولغان كابىنېت تەشكىللەش ئۇسۇلى ئىتتىپاقداشلىقنىڭ ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى، يېشىللار پارتىيەسى بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى تەشكىللىشى. ئىككى ئىتتىپاق ئىتتىپاقداشلىقى قارا رەڭگە، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى سېرىق رەڭگە، يېشىللار پارتىيەسى يېشىل رەڭگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ رەڭلەر دەل يامايكىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئوخشاش بولغاچقا، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقى يەنە «يامايكا ئىتتىپاقى» دەپمۇ ئاتالدى.

تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: «يامايكا ئىتتىپاقى»نىڭ كابىنېت تەشكىللىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. ھازىر ئۈچ پارتىيەنىڭ نۇرغۇن سىياسىي ساھەلەر، بولۇپمۇ مۇساپىرلار سىياسىتىدە ئىختىلاپى بار: ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى مۇساپىرلارنى قاتتىق كونترول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مېركېلنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتىدىكى خىزمىتى يېتەرلىك بولمىدى، دەپ قارىدى؛ ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەرغىب قىلىدىغان يېشىللار پارتىيەسى ئىككى ئىتتىپاق ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشنى ئازايتىش سىياسىتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن نارازى بولدى. ئەمما گېرمانىيەدىكى «دەۋر» گېزىتىنىڭ ئوبزورچىسى پىتېر دوسېنت مۇنداق دەپ قارىدى: «يامايكا ئىتتىپاقى» بېشىدىنلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىتتىپاق دەپ قارالسىمۇ، گېرمانىيە سايلىغۇچىلىرى يېڭى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلتۈرۈشىنى كۈتمەكتە.