چەتئەللىك ئەربابلار شىنجاڭنىڭ بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا ئىجابىي باھا بەردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-12 14:18

جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا بىپايان ھەم گۈزەل زېمىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بار. قەدىمدىن تارتىپ، بۇ يەر كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ مەدەنىيەت گىرەلەشكەن رايون شۇنداقلا يىپەك يولىنىڭ مۇھىم ئۆتىڭى بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، بۇ قەدىمىي زېمىننىڭ قىياپىتى تېخىمۇ يېڭىلاندى. شىنجاڭغا زىيارەتكە كەلگەن نۇرغۇن چەتئەللىك ئەربابلار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇلتېشى، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي داۋاملىق تېز تەرەققىي قىلدى، ئىجتىمائىي ئىشلىرىمۇ ئومۇميۈزلۈك يۈكسەلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان شىنجاڭ چوقۇم ئەبەدىي ئەمىن بولىدۇ، چوقۇم تېخىمۇ گۈللەپ روناق تاپىدۇ، مەدەنىيىتى يۈكسىلىدۇ دەپ قارىدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىنىڭ ئۇلتېشى.

ھىندىستان جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى دىباشىن چۇدۇرى 2007-يىلى ۋە 2014-يىلى شىنجاڭغا زىيارەتكە بارغان، بۇ ئىككى قېتىملىق سەپەر جەريانىدا، ئۇ سۈپەتلىك تاشيول، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرايدىغان ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش سىستېمىسى ۋە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئۇ جۇڭگونىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشى-ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىقتىساد ئىسلاھاتىغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن بولۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قارىدى.

شىنجاڭدا ئون نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغان ئىرانلىق مۇخبىر ھەمدۇللا ئىماد ھەيدەرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تىنچ، دوستانە بىللە ياشىشى-دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلىك دۆلەتلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى دەپ قارىدى.

كۆپ قېتىم شىنجاڭغا زىيارەتكە بارغان پاكىستان-جۇڭگو سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئامانۇللاخانمۇ يەرلىكتىكى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تىنچ بىللە ئۆتۈشى، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولغانلىقىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت تەرەققىياتى تېز ئىكەن، مەن ھەر قېتىم شىنجاڭغا بارغاندا يېڭى بايقاش ۋە يېڭى تەسىراتقا ئېرىشىمەن، يېڭىدىن ياسالغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، ئېگىز بىنالار، كەسىپ باغچىلىرى، ئايرودۇرۇم ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىقلارنى كۆرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يەرلىك خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ داۋاملىق ئېشىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرىمەن دېدى.

ئۇ يەنە ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى ناھايىتى ياخشى قوغدىلىپتۇ ھەم ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىنىپتۇ، قەشقەردە، يەرلىك ھۆكۈمەت بىر مىللىيچە چالغۇ كەنتى ۋە بىر مۇزېينى مەخسۇس قۇرۇپتۇ، بۇ يەردە ھۈنەرۋەنلەر مىللىيچە چالغۇلارنى ياسايدىكەن ھەم يەرلىكنىڭ ناخشا-مۇزىكىلىرىنى نامايان قىلىدىكەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پايدىلىق بۇ تەدبىرلەر كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ دەپ ماختىدى.

شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، ئەمىنلىكىدە، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش ئاساس قىلىندى. 1978-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئۈچ مىليارد 907 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 961 مىليارد 723 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 313 يۈەندىن ئېشىپ 40 مىڭ 427 يۈەنگە يېتىپ، ئايرىم-ئايرىم 246 ھەسسە ۋە 129 ھەسسە ئاشتى.

قەشقەرگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرگەندىكى ئەھۋاللار ئامانۇللاخاننىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگو مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سەپەرۋەر قىلىشى ۋە سىياسەت بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگونىڭ شەرقىي رايونىدىكى نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كارخانىلار بەس-بەس بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپتۇ، ئۇلار شىنجاڭغا بېرىپ زاۋۇت قۇرۇپ ياكى شۆبە ئورگان تەسىس قىلىپ، يەرلىكتىكى ئاممىغا ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپتۇ. قەشقەردىكى شېنجېن كەسىپ باغچىسىدا نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش ۋە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق كارخانىلار تەرتىپلىك ئورۇن ئېلىپتۇ، ئوخشىمىغان سېخلارغا تارقالغان ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق يەرلىك ئىشچى جىددىي ئىشلەۋېتىپتۇ. كەسىپ باغچىسى تەسىس قىلىش-يەرلىككە تېخىمۇ نەپ يەتكۈزۈپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇپتۇ.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، قارىماي ياتقۇزۇلغان يوللاردا ماڭدى، پاكىزە تۇرۇبا سۈيى ئىچىدىغان بولدى.

شىنجاڭغا بارغان پاكىستانلىق مۇخبىر سۇلتان مۇھەممەد خالى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئۆزگىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ، بۇ پاكىستاننىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئۆرنەك بولىدۇ. شەرقتىكى بىر رايوننىڭ غەربتىكى بىر رايونىغا ياردەم بېرىپ، ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلماسلىقى خۇددى بىر ئائىلىدىكى قېرىنداشلار بىر-بىرىگە ياردەم بەرگەندەك، بىر-بىرىنى يۆلىگەندەك ئىش، مەن بۇ خىل سىياسەتنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا خەلق تۇرمۇشى، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەتى نىشان قىلىنغان. كۆپ يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان رۇسىيەدىكى شەرقشۇناس ئولېگ ياكوفلېف مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي كۆرسەتكۈچلىرى تېز سۈرئەتتە ئاشتى، شەھەرلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى، قاتناش ئەسلىھەسى ۋە يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمىتى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، زامانىۋى سانائەتلىشىش سىستېمىسىمۇ شەكىللىنىۋاتىدۇ، كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

شىنجاڭ يىپەك يولى يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان، قەدىمدىن تارتىپلا مۇھىم قاتناش تۈگىنى ۋە سودا مەركىزى ئىدى، ھازىر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش جەريانىدا تەڭداشسىز ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. تارىختا يىپەك يولىدىكى ئاساسلىق تىرانسپورت قورالى كارۋان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ ئورنىنى ئۇچقاندەك ماڭىدىغان پويىزلار ۋە يۈك ماشىنىلىرى ئالدى. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىدا شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە قاراپ ئېچىۋېتىشىدە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى، غەربتىن ئوتتۇرا ياۋروپاغا بارىدىغان نۇرغۇن پويىزلار شىنجاڭنىڭ ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا بارىدۇ.

ياكوفلېف مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ناھايىتى ئوچۇق بولدى، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا تاشلىدى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى ئاساسىدا، شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، مال تارقىتىش مەركىزى، تاشيول قاتنىشى پورتى مەركىزى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلدى. بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، شىنجاڭ رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يادرولۇق رايونى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ مۇھىم كۆزنەك رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تارىخىي پۇرسەتلەر، يېقىنقى كەلگۈسىدە، شىنجاڭ يىپەك يولىدىكى مەرۋايىتقا ئايلىنىدۇ.

بىر بەلباغ بىر يول باش تۈرىنىڭ بىرى بولغان جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى شىنجاڭنىڭ قەشقەردىن باشلىنىدۇ. 2016-يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، 50 يۈك ماشىنىسىدىن تەشكىللەنگەن بىرلەشمە سودا كالونى قەشقەردىن يولغا چىقىپ، 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، كارىدورنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى پاكىستاننىڭ گوئادار پورتىغا يېتىپ باردى. جۇڭگونىڭ ماللىرى بۇ يەردىن يەنە باشقا جايلارغا توشۇلىدۇ.

شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق. ياكوفلېف مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىدۇ. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان، جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغا بارىدىغان مۇھىم ئورۇن، يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنى بولغان شىنجاڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ.