شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-13 16:51

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-نويابىر خانويدىكى رەئىس مەھكىمىسىدە ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى چېن داگۇاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى.

شى جىنپىڭ ۋىيېتنامنىڭ سوتسىيالىستىك ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەھبەرلىرىنىڭ داناڭدا ئېچىلغان بىرەسمىي يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سوتسىيالىستىك قوشنىلار ۋە مۇھىم ھەمكارلىق شېرىكلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئوخشاش سىياسىي تۈزۈم ۋە ئورتاق تەرەققىيات نىشانى جۇڭگو-ۋىيېتنام پارتىيەلىرى، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تەقدىرىنى چەمبەرچاس باغلىغان. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنامغا دوستلۇق ئاساسىي فاڭجېنىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشقا كۈچ چىقىرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا پەملىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، بىر بەلباغ، بىر يول بىلەن ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك قۇرۇلۇشىنى ئۇلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، چېگرا ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇشى، ئادىمىيەت ساھەسىگە مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىشى، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇپ ۋە كونترول قىلىپ، دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نەتىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-ۋىيېتنام مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى لازىم.

چېن داگۇاڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنى بېكىتىلگەنلىكى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. ۋىيېتنام جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئېرىشكەن غايەت زور نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ، خەلقئارا ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ. ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى بەرپا قىلغان ئەنئەنىۋىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.