شى جىنپىڭ لائوس تارتقۇلاردا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-11-14 13:34

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لائوس خەلق دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان مەزگىلدە، تۈنۈگۈن لائوستىكى «خەلق گېزىتى»، «پاتېتلاۋ گېزىتى»، «ۋېنتىيان ۋاقىت گېزىتى»دە «جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلايلى» دېگەن ئىمزالىق ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.

ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: جۇڭگو بىلەن لائوس-غايە-ئېتىقادى يۇغۇرۇلغان، ئىجتىمائىي تۈزۈمى ئوخشاپ كېتىدىغان، تەرەققىيات يولى يېقىنلىشىدىغان سوتسىيالىستىك دوست دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ۋە خەلقئارا بوران-چاپقۇنلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئېسىل سەھىپىنى يېزىپ چىقتى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ چىڭىپ، يېڭى، جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۈنسايىن قويۇقلاشتى، پارتىيەلەر ئالماشتۇرۇشى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشى بارغانسېرى كۈچەيدى. بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى شېرىكلەردىن بولغان جۇڭگو بىلەن لائوس سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تېز تۈرتكە بولۇش جەريانىدا، بىر-بىرىگە باشتىن-ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا قوللىشىپ كەلدى. جۇڭگو-لائوس مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو بىلەن ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ.

جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇش سۈرئىتى تېزلەشتى. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى تېز تەرەققىيات يولىغا كىردى. جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى كۈنسايىن جانلاندى. بىز ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆز ھۆرمەتلەيدىغان، ئىشىنىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆز ئارا ياردەم بېرىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا ئۆگىنىپ، ئۆز ئارا ئەينەك قىلىدىغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.