شى جىنپىڭ 11 دۆلەتنىڭ جۇڭگودىكى يېڭى باش ئەلچىسىنىڭ دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-12-05 17:18

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 11 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىنىڭ دۆلەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى.

قىش قۇياشى ئاستىدىكى بېيجىڭنىڭ ئاسمىنى زۇمرەتتەك سۈزۈك، كۆپكۆك ئىدى. خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل گىلەمنىڭ ئىككى چېتىگە رەتلىك تىزىلدى. سۇنايچىلار مېھمان كۈتۈش سىگنالىنى چالدى، جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلەر ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كېلىپ، پەلەمپەيدىن چىقىپ، بېيجىڭ زالىغا كىردى. «بېيجىڭغا نەزەر» دېگەن رەسىمنىڭ ئالدىدا، باش ئەلچىلەر تەرتىپ بويىچە شى جىنپىڭغا دۆلەت خېتىنى تاپشۇردى، ش جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. جۇڭگودا تۇرۇشقا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن بۇ 11 باش ئەلچى تۆۋەندىكىچە: نورۋېگىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى پىكۇرۇ، كورېيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى لۇ يىڭمىن، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى زاھىر، رومىنىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى كونىستانتىنىسكۇ، گامبىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى سىسى، ئېفىيوپىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بېرخانى، ئىسپانىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى كانېرو، لىۋاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى جابۇر، ھىندىستاننىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى بامباۋالى، تۈركىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى جۇنان، پورتۇگالىيەنىڭ جۇڭگودىكى باش ئەلچىسى دۇئاج.

شى جىنپىڭ ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ جۇڭگوغا يېڭىدىن ۋەزىپە ئۆتەشكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى، ئۇلاردىن ئالاقىدار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام ھەم ياخشى تىلەك يوللىدى، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەلچىلەرنىڭ ۋەزىپە ئۆتىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ ۋە قوللايدۇ، مەن ئەلچىلەرنىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ پائال نەتىجىلەرنى تېرىشىپ قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا قول تۇتۇشۇپ، جاپا-مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىلىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى چىن قەلبىدىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-قۇرۇلتىيى نەتىجىسىنىڭ دۇنياۋى تەسىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئەلچىلەر ئۆز دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى. ئەلچىلەر مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو يېڭى دەۋرگە كىرگەن پەيتتە، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچى بولغانلىقىمىزدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىمىز، بىز ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ قەدەم تاشلىشى ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.