جۇڭگوغا قارا سۈركەش ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 11:51

يېڭى يىلدا «ئاۋسترالىيەلىكلەر گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىنىپ، تىغ ئۇچى جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە ياردەم بەرگەنلىكىگە قارىتىلدى. ماقالىدا ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تەرەققىيات ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرى مىنىستىرى كونىستانتىيا فىرانۋېنتى ۋېلىسنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ: جۇڭگو تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە «قاتتىق شەرت قويۇپ» قەرز پۇل بەردى، بۇ دۆلەتلەردە «كېرەكسىز ئىمارەت» ۋە «نەگە تۇتىشىدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان يول» ياسىدى، دېيىلدى.

ئاۋسترالىيەدە يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنغان جۇڭگوغا قارا سۈركەيدىغان بەزى ماقالىلارغا ئوخشاش بۇ ماقالىدىمۇ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈلدى. جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ بۇ ھەقتە: ئاۋسترالىيەدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنىڭ سۆزلىرى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، مەسئۇلىيەتسىزلىك، جۇڭگو ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىگە بۇنىڭغا ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېدى.

كونىستانتىيا فىرانۋېنتى ۋېلىسنىڭ سۆزلىرى پۈتۈنلەي ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلغانلىق. ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈم ۋە تەرەققىيات يولىنى تاللىشىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىشلىرىنى ئۆز ئۇسۇلىدا باشقۇرۇشى ۋە قارار قىلىشىنى قوللاپ كەلدى. جۇڭگو ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. بۇ تۈرلەر ئاش بەرگۈچە ئەقىل بەرگەنلىك، تۆھپىسى ئۇنتۇلمايدۇ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدۇ.

تۇرۇبا سۈيىدىن كىچىك سۇ ئېلىكتىرىغىچە، پاتقاق گېزىدىن قۇياش ئېنېرگىيەسىگىچە، جۇڭگونىڭ ياردەملىرى ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن كېلىپ، ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئارال دۆلەتلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈپ، ئارال دۆلەتلەردىكى خەلق ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئۇنىۋېرسىتېتى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ئىشلار مۇتەخەسسىسى گىرېگ فىراي مۇنداق دېدى: جۇڭگو جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىق شېرىكى. جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى جۇڭگوغا رەھمەت ئېيتىدۇ، چۈنكى جۇڭگونىڭ ياردەملىرىگە قوشۇمچە شەرت قوشۇلمىغان، ئارال دۆلەتلەر قىلغۇسى بار ئىشلارنى قىلىپ كەلدى.

جۇڭگونىڭ ياردىمى شۇ جايدا ئۈنۈم بەردىمۇ يوق، ئارال دۆلەتلەردىكى خەلق ۋە ھۆكۈمەت سۆز قىلىشقا ئەڭ لايىق. ئاۋسترالىيەدىكى ئالاقىدار ئەربابلار كەلسە-كەلمەس ۋالاقشىپ، قالايمىقان جۆيلىمەسلىكى كېرەك.

كونىستانتىيا فىرانۋېنتى ۋېلىسنىڭ سۆزلىرى ئاۋسترالىيەدىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ «قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق» روھى ھالىتىنى ئېچىپ بەردى. ئاۋسترالىيە ئۆزىنى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ «غوجائاكىسى» چاغلاپ، بۇ رايوندا دەۋر سۈرۈپ كەلگەن. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋسترالىيەنىڭ مالىيە ئەھۋالى ناچارلىشىپ، خەلقئارا تەرەققىيات ۋە تاشقى ياردەم سوممىسى زور دەرىجىدە ئازايدى، جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە سالىدىغان مەبلەغمۇ بۇرۇنقىدىن ئازلاپ كەتتى. شۇڭا ئىچى تار كونىستانتىيا فىرانۋېنتى ۋېلىس ئاچچىقىنى جۇڭگودىن چىقىرىپ، شالىسىنى چاچتى.

كونىستانتىيا فىرانۋېنتى ۋېلىسنىڭ قارا سۈركىشى يالغۇز ئىش ئەمەس. يېقىندىن بۇيان ئاۋسترالىيە «دىپلوماتىيە سىياسىتى ئاق تاشلىق كىتابى»نىڭ ئېلان قىلىنىشىدىن تارتىپ جۇڭگوغا قارا سۈركەيدىغان تېلېۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئىشلىنىشىگىچە، ئاتالمىش جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان پارلامېنت ئەزاسىنى قورشىۋېلىشتىن تارتىپ بەزى سىياسىيونلار پات-پات مەسئۇلىيەتسىز گەپلەرنى قىلىشقىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسى «جۇڭگوغا قارشى جاھىللىق پاتقىقى»غا پېتىپ قالدى. ئاۋسترالىيەدىكى بەزى تاراتقۇلارمۇ شامالغا ئەگىشىپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر تەپەككۇرى ۋە ئېدىلوگىيەسىگە تولغان بىر تەرەپلىمە خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيەگە ئاتالمىش «تەسىرىنى سىڭدۈرۈش»ىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسەتتى.

نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ھيۇ ۋايىت تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: ئاۋسترالىيە قەد كۆتۈرۈۋاتقان جۇڭگودىن ئەندىشە قىلىپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشىشى ئاۋسترالىيەنىڭ ئەندىشىسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋەتتى ھەمدە ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.

جۇڭگو ئاۋسترالىيەدە يېقىندىن بۇيان بەزى كىشىلەرنىڭ توختىماي ئىش پەيدا قىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ئومۇمىيلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. ئەمما ئاۋسترالىيەنىڭ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى داۋاملىق يامانلاشتۇرۇشى كىشىنى ئەنسىرىتىدۇ.

2018-يىلى جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 46 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سىياسىي تۈزۈم ۋە مەدەنىيەت پەرقىدىن ھالقىپ، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، بىر قاتار ئاجايىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. ئاۋسترالىيەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قەدىرلەپ، تەتۈرىگە ئىش قىلماي، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.