تىرامپ نىيىتىدىن يانماي يەنىلا ئامېرىكا ئەلالىقنى تەرغىب قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 12:07

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يەنىلا نىيىتىدىن يانماي ئامېرىكا ئەلالىقنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ چوڭلاشتۇرۇش، سېلىنمىنى ئەڭ كىچىكلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا.

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ يېقىندىن بۇيان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىشنى بېكىتىش، «پارىژ كېلىشىمى»گە شەرتلىك قايتىپ كېلىشكە قوشۇلۇش، مۇۋاپىق پۇرسەت ۋە شارائىتقا قاراپ چاۋشيەن بىلەن سۆزلىشىشكە رازى بولۇش قاتارلىق نۇرغۇن ھەرىكەتلەرنى قىلدى.

بۇ ھەرىكەتلەرنى ئالدىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتكە سېلىشتۇرغاندا، تىرامپ نىيىتىدىن ياندىمۇ-يوق؟ مۇتەخەسسىسلەر ئەمەلىيەتتە ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى دەپ ھۆكۈم چىقاردى. ئامېرىكىنىڭ بۇ زۇڭتۇڭى يەنىلا ئامېرىكا ئەلالىقنى يولغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ چوڭلاشتۇرۇش، سېلىنمىنى ئەڭ كىچىكلەشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.

ئالدىنقى يىلى زۇڭتۇڭلۇق رىقابىتىگە قاتناشقاندىن بۇيان، تىرامپ يەر شارىلاشتۇرۇش ئادىل ئەمەس، بۇ ئامېرىكىدىن نەپ ئۈندۈرۈۋالغانلىق دەپ كۆپ قېتىم تەنقىدلىدى. ئۇ زۇڭتۇڭ بولغان بىر يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، ئامېرىكا كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى «پارىژ كېلىشىمى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك تەشكىلات ۋە خەلقئارا كېلىشىملەردىن چېكىنىپ چىقتى.

ئاقساراي 9-يانۋار زۇڭتۇڭنىڭ شىۋېيتسارىيە داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى، تىرامپ 10-يانۋار ئامېرىكا «پارىژ كېلىشىمى»گە قايتىپ كېلىشى مۇمكىن دەپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن چىقتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئاقساراي باياناتچىسى زۇڭتۇڭ يەر شارىدىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە ئامېرىكا ئەلالىق سىياسىتىنىڭ قارالمىسىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ، ئوخشاشلا، «پارىژ كېلىشىمى»گە قايتىپ كېلىشتە، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئامېرىكىنىڭ ئارزۇسىغا ئەمەل قىلىپ، قايتىدىن ئادىل كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت ئالدىنقى شەرتنى تەكىتلەيدۇ دېدى.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى دياۋ دامىڭ، جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى ئامېرىكا تەتقىقاتخانىسىنىڭ ئالىمى سۈن چېڭخاۋ تىرامپنىڭ يەر شارىلاشتۇرۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش بولمىدى دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ ھۆكۈمى بويىچە، ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى مۇتلەق يەككىچىلىكنى ياقىلاش ياكى ئاددىيلا يەر شارىلاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش ئەمەس؛ تىرامپنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ چوڭلاشتۇرىدىغان يەر شارىلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى ماھىيەتتە يەنىلا ئامېرىكا ئەلالىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تىرامپنىڭ «پارىژ كېلىشىمى» ھەققىدىكى گېپى ئۇ بۇلتۇر بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلاش سەۋەبىنىڭ داۋامى، ئۇ پەقەت بىر قەدەر ئاكتىپ ئىپادە بىلەن ئۇنى قايتا بىر قېتىم دەپ قويغان خالاس. دياۋ دامىڭ بۇنىڭغا ئىزاھات بېرىپ، تىرامپنىڭ پۈتۈن دۇنياغا توۋلىشى-ئالدى بىلەن يەنىلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە تېخىمۇ جىق كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ دېدى.

دياۋ دامىڭ داۋوس دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى شۇنداقلا يەرشارى ھەمكارلىقى باش تېما بولغان خەلقئارا ئالماشتۇرۇش سورۇنلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: تىرامپنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىشىدا ھېچقانداق تەننەرخ يوق، ئەممە ئۇ ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالدى. تىرامپ ئامېرىكا ئەلا سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ سورۇنلارغا بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى باشلامچىلىق ئورنىنى ساقلاشقا ئېرىنمەيدۇ.

سۈن چېڭخاۋ تىرامپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندە، ئامېرىكا بىلەن چاۋشيەننىڭ سۆزلىشىش مۇمكىنچىلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى ۋە پارىژ كېلىشىمى بىلەن ئالاقىسى يوق. جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى چېن دىڭدىڭ قۇۋۋەتلەپ: بۇ ئىشلار نىسبەتەن مۇستەقىل، بولۇپمۇ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى باشقا ئىشلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، بىر قېتىملىق ئىپادە بىلدۈرۈش ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ، دېدى.

دياۋ دامىڭ مۇنداق دېدى: پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە ئېرىشتى، تىرامپ ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، لېكىن قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش تاكتىكىسى ئۆزگەرمەيدۇ.

بۇ يىلقى داۋوس مۇنبىرى 23-يانۋاردىن 26-يانۋارغىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنىڭ باش تېمىسى «بۆلۈنگەن دۇنيادا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش» بولدى. گېرمانىيە ئاگېنتلىقى خەۋەر بېرىپ: مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سودا قۇرۇقچىلىقىغا يان بېسىشى شۇنداقلا مۇھىت ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى سىياسەتلەرنى تەڭشىشى بىلەن پەرق ھاسىل قىلدى، دېدى.

يەرشارىلىشىش دەۋرىدە، ھەر قايسى ئەللەرنىڭ مەنپەئەتى زىچ باغلانغان، قىسمەن ئەللەر ۋە رايونلاردا سودا قۇرۇقچىلىقى ۋە يەككەچىلىك باش كۆتۈردى. داۋوس مۇنبىرى تەشكىلاتى ئىلگىرى يەرشارىلىشىشقا قارشى ئېقىم ھەققىدە ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ئۆز دۆلىتىنىڭلا مەنپەئەتىنى ئويلىشىدىغان سىياسىي تەشەببۇس قايتا تىرىلدى، دېگەن.

دياۋ دامىڭ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەلا سىياسىتى بىلەن يەرشارىلىشىش مۇساپىسىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرى توقۇنۇشمايدۇ، تىرامپ ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور چەككە يەتكۈزۈپ، بۇنىڭغا ئەڭ ئاز مەبلەغ سېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ خالاس. تىرامپنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىنى تەڭشىشىدە ئىككى مەسىلە بار، بىرى، بۇ خىل تەڭشەش بىلەن يەرشارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمى ماس كەلمەيدۇ، بۇ ئۆز ئالدىدا تەڭشەش ھېسابلىنىدۇ، يەنە بىرى، تىرامپ ئامېرىكىنىلا زورايتىپ گۈللەندۈرمەكچى، بۇ خىل تەڭشەش نىشانى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتتى.

دياۋ دامىڭ يەنە: دەۋر ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل تەڭشەشنىڭ كەمچىلىكى بار، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا كېلىشىم ۋە تەشكىلاتلاردىن ئارقا-ئارقىدىن چېكىنىشى يەرشارىلىشىش ئېقىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ، دېدى.