جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئاخباراتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-13 17:45

ئەمدى «جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىيىغىنىنىڭ ئاخباراتى»نى ئاڭلىتىمىز، 2018-يىلى 13-يانۋار جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 2-ئومۇمىيىغىنىدا ماقۇللانغان.

جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 2-ئومۇمىيىغىنى 2018-يىلى 11-يانۋاردىن 13-يانۋارغىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىيىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 133 ئەزاسى قاتناشتى، 177 كىشى سىرتتىن قاتناشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

ئومۇمىيىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2018-يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يولداش جاۋ لېجى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن بەرگەن «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا چىقىرىلغان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قەتئىي ئېغىشماستىن ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن خىزمەت دوكلاتى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشقانلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى سۆزىدە يېڭى دەۋر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىيات ئومۇمىيلىقى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بەش يىلدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تەجرىبىلەرنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، پارتىيە دۇچكەلگەن خېيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ ئىشلارنى تاماملاشتا جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىگە تايىنىش، پارتىيە جەزمەن يېڭى كەيپىيات يارىتىش، يېڭى ئىشقا تۇتۇش قىلىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى. باش شۇجى سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تىنچ شارائىتتا خەۋپ-خەتەرنى ئويلىدى، ئۇنىڭ مەزمۇنى مول، مۇھىم نۇقتىسى ئېنىق، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش، خەلق مەيدانىنى ئېنىق بىلدۈرۈش، ئىرادە-خىسلىتىنى چىڭىتىش، تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىشنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتتىن يانمايدىغان، ئىرادىسىنى بوشاشتۇرمايدىغان، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلايدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي خىسلىتى ۋە ئىنقىلابىي روھىنى چۈشەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىغا سەمىمىي ئۈمىد باغلاپ، يېڭى تەلەپلەرنى قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، چۈشىنىپ، بىلىپ، پۇختىلاپ، روھى ماھىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى بىرمۇ-بىر چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداشتا؛ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچى، خىزمەتلەرگە تۈرتكە قىلىشتا؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قەتئىي ئېغىشماستىن تۈرتكە بولۇشتا؛ ھەردەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، نۆۋەتتىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشى ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن كەسكىن مۇرەككەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى ۋە غەيرىتى بىلەن، ئۇزاققىچە چىڭىتىپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قەتئىي ئېغىشماسلىق؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، خاتا ئىدىيەۋى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، بوشاشماسلىق، توختاپ قالماسلىق، قايتىدىن غەيرەتلىنىش، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا راۋاجلاندۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: 2018-يىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش باشلىنىدىغان يىل، شۇنداقلا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، «13-بەشيىللىق» پىلاننى يولغا قويۇشتا يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق بىر يىل، ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە مەسئۇلىيەت زور. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە ئاساسىي قانۇندا بېرىلگەن مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە پۈتۈن پارتىيەدىكى يادرولۇق ئورنىنى قوغداشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنى پارتىيە باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، مۇقىم ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئىجرا قىلىش ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستىلنى تۈزىتىش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل، كەيپىيات دۇرۇس ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى نازارەت قىلىش، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاكىزە، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش لازىم.

بىرىنچى، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى ئېنىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن-فاڭجېنى، سىياسەتلىرى ۋە دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، «يەتتە مەۋجۇت» مەسىلىسىدە قاتتىق سەگەك بولۇپ، پارتىيەگە ساداقەتمەن بولمىغان، بوي سۇنمىغان ئىككى يۈزلىمىچىلەرنى قەتئىي تازىلاش؛ دىققەتنى سىياسىي مەيدان، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي دادىللىق، سىياسىي ئىنتىزامغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەل، پاكلىق ئۆتكىلى، ئوبراز ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئىچى سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ساپلاشتۇرۇش كېرەك.

ئىككىنچى، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش. پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، بارلىق ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان ھۆكۈمەت خادىملىرىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش؛ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئۈنۈملۈك، راۋان مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش بىلەن قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى ئۈنۈملۈك بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى بىلەن سوتلاش ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، قانۇن ئىجراسى ئورگانلىرىنىڭ خىزمىتىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم ئۈستۈنلۈكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاش ۋە كېڭەيتىش. رەھبىرىي كادىرلار باش بولۇپ ئىستىل ئۆزگەرتىپ، پات-پات ياخشى ئىپادە كۆرسىتىپ، پەرق ئىزدەپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى بولۇش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرۈشى؛ مىخ روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، ھەر بىر ھالقىنى چىڭ قوغداپ، «تۆت ناتوغرا ئىستىل» مەسىلىسىدىكى يېڭى ئىپادە ۋە يېڭى يۈزلىنىشكە دىققەت قىلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيوكراتلىققا قارشى تۇرۇشقا تېخىمۇ كۈچەپ، كۆپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، ئاز ھەرىكەت قىلىپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىكنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىشى؛ ئالاھىدە ھوقۇق ئىدىيەسى ۋە ئالاھىدە ھوقۇق ھادىسىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ئامما بىلەن بولغان ھېسسىياتىنى كۈچەيتىشكە، ئۆزىنى چەكلەشكە، ئائىلە تەربىيەسى ۋە ئائىلە ئىستىلىنى چىڭىتىشقا باشلاش كېرەك.

تۆتىنچى، كۆزىتىش شەمشىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ نامايان قىلىش. مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇش ئارقىلىق سىياسىي كۆزىتىشكە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىملىق كۆزىتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، مەخسۇس كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتچان كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش نەتىجىسىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، رەتكە سېلىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلاش سۈپىتىنى ئاشۇرۇش؛ كۆزىتىش-تەكشۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش-تەكشۈرۈشتە يۇقىرى-تۆۋەن بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان نازارەت تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

بەشىنچى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش. دائىملىق ئىنتىزام تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە بولۇش ۋە سەلبىي مىساللارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش، تەربىيە بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ كېيىنكىلەرگە ئىبارەت قىلىش، كېسەل داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت ھالەت»نى يولغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۈندىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، نىزام تۈزۈملەرنى قاراتمىلىق تۈزۈپ، تۈزۈم ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك.

ئالتىنچى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنىڭ بېسىم ھالىتىنى پۇختىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش. چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قەتئىي يول قويماسلىق، قاتتىق چەكلەش، قاتتىق بېسىم ئىشلىتىش، ئۇزاققىچە چۆچىتىش، پارە بېرىش ۋە ئېلىشنى تەڭ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، دەل تەرتىپلىك يۈرگۈزۈپ، مۇھىم نۇقتىنى پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئۆزىنى يىغىشتۇرمىغان، قول تارتمىغان رەھبىرىي كادىرلارغا قارىتىپ، سىياسىي مەسىلە ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلەشكەن مەنپەئەت گۇرۇھىنىڭ چىرىكلىك دېلولارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئادەم تاللاش ۋە ئىشلىتىش، تەستىقلاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، بايلىق ئېچىش، پۇل-مۇئامىلە،ئىناۋەتلىك قەرز قاتارلىق مۇھىم ساھەلەر ۋە مۇھىم ھالقىلاردىكى چىرىكلىك مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چىرىكلىك قىلىشقا پېتىنالمايدىغان، چېرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان تۈزۈلمە مېخانىزم بەرپا قىلىش كېرەك.

يەتتىنچى، ئامما ئەتراپىدىكى چېرىكلىك مەسىلىسىنى قەتئىي تۈزەش. نامراتلىق ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۆرىشىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش؛ ئاساسىي قاتلامدا چىرىكلىكنى جازالاش بىلەن قارا جەمئىيەتتىكىلەر ۋە ناچارلارنى تازىلاشنى بىرىكتۈرۈپ، قارا جەمئىيەتتىكىلەرنى قانات ئاستىغا ئالغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزلىك تۈزەش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا دەۋەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۈتۈن دائىرىگە كېڭەيتىش كېرەك.

سەككىزىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش. قاراشلىق رايون ۋە تارماقلارنىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈشتىن ياخشى پايدىلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىسا چوقۇم سۈرۈشتە قىلىش، قاتتىق سۈرۈشتە قىلىش؛ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىغا ئەۋەتىپ تۇرغۇزۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش، قاتلاممۇ-قاتلام يەتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلارنى تەلەپ قىلىندى: بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ساداقەتمەن، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ئىنتىزام ۋە قانۇنغا بوي سۇنۇپ، پاك بولۇپ، خەلق مەيدانىدا باشتىن ئاخىرى چىڭ تۇرۇپ، ئالىيجاناب بولۇپ، باشتىن ئاخىرى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىشى كېرەك. ئەمىن تۇرمۇشتا خەتەرنىمۇ ئويلايدىغان كۈلپەت ئېڭىنى، ئۆزىنى پارتىيە ۋە دۆلەتكە بېغىشلايدىغان مەردانە روھىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئۆزىنى نازارەت قىلىش ۋە چەكلەشنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كۈچى، سەۋىرتاقىتى، ھاياتى كۈچىنى ساقلاپ، خىزمەت، سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقى ۋە ئىلغارلىقىنى ساقلاپ، پارتىيە ۋە خەلق ئاتا قىلغان شەرەپلىك بۇرچنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئاتا قىلغان ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىككە، رەزىلنى جازالاپ ياخشىنى تەشۋىق قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئۆتكۈر شەمشەرگە داغ كەلتۈرمەسلىكى كېرەك.

يىغىندا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شەخسىي مەنپەئەتنى ئويلاشماي، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ھەل قىلغۇچ جېڭىدە غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىلدى.